13 _ بېرىپ، خانانياغا مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ سۆزىنى يەتكۈزگىن: «ئى خانانيا، سەن ياغاچ بويۇنتۇرۇقنى چېقىپ تاشلىدىڭ. لېكىن سەن ئۇنىڭ ئورنىغا بىر تۆمۈر بويۇنتۇرۇقنى سالدىڭ.
يالغاندۇر ساختا پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ۋەھىيلىرى. ئۇلار كۆرسىتىپ بەرمىدى گۇناھلىرىڭنى، روناق تاپقان ھالىتىڭگە ئەكەلمىدى سېنى، ئەكسىچە، ساڭا ساختا بېشارەت بەردى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنى ئەۋەتكەن ئەمەس. ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ نامىمدا يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالساڭلار، مەن سىلەرنى ۋە يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقان شۇ پەيغەمبەرلەرنى زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىمەن. ھەممىڭلار سۈرگۈن قىلىنغان زېمىندا ئۆلىسىلەر.»
زەنجىر بىلەن باغلاپ ئۇلارنىڭ شاھلىرىنى، تۆمۈر كىشەن بىلەن كىشەنلەر ئېسىلزادىلىرىنى.
شۇ سەۋەبتىن سىلەر بارلىق نەرسەڭلاردىن ئايرىلىپ، ئاچ، يالىڭاچ ۋە چاڭقىغان ھالدا پەرۋەردىگار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن دۈشمىنىڭلارنىڭ قۇلى بولىسىلەر. سىلەر تاكى ھالاك بولغۇچە، دۈشمەن تۆمۈر بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭلارغا سالىدۇ.
پاچاقلاپ تاشلىدى ئۇ تۇچ دەرۋازىلارنى، چېقىپ تاشلاپ تۆمۈر تاقاقلارنى.
«كورەش، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭىمەن، ئالدىڭدىكى تاغلارنى تۈزلىۋېتىمەن. تۇچ دەرۋازىلارنى بۇزۇپ تاشلايمەن، تۆمۈر تاقاقلارنى پاچاقلايمەن.
مۇنداق دېدى: _ خۇرۇم تاسما ۋە ياغاچتىن بىر بويۇنتۇرۇق ياساپ، ئۇنى بوينۇڭغا سالغىن.
بويۇنتۇرۇققا ئايلاندى گۇناھلىرىم، ئۇنى ئۆزى ياسىدى پەرۋەردىگارىم. بوينۇمغا ئېسىپ بويۇنتۇرۇقنى، قويمىدى مېنىڭ ھالىمنى. ئىگىمىز تاپشۇردى مېنى دۈشمەن قولىغا، مەن تاقابىل تۇرالمايمەن ئۇلارغا.
مەن مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ۋەيران قىلغاندا، تاخپانخېس شەھىرىنى زۇلمەت قاپلايدۇ. ئۇنىڭ ماختىنىدىغان كۈچ-قۇدرىتى يوقىتىلىدۇ، شەھەرنى قارا بۇلۇتلار قاپلايدۇ، ئۇنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى ئاھالىلىرى ئەسىر ئېلىنىدۇ.
ئاتام سىلەرگە ئېغىر يۈك ئارتقان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ئۇرغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن» دېسىلە، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.