Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 28:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، يەنى ئۇنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزگىنىگە تۆت يىل بەش ئاي بولغان ۋاقىتتا، ئاززۇرنىڭ ئوغلى، يەنى گىبئونلۇق پەيغەمبەر خانانيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا يەرەمىياغا سۆز قىلدى. ئۇ روھانىيلار ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 28:1
22 Referans Kwoze  

يوشىيانىڭ ئوغلى زىدقىيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا


گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان خىۋلارمۇ يوشۇۋانىڭ ئېرىخا شەھىرى ۋە ئاي شەھىرىدە قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ،


لېكىن يەرەمىيا پەيغەمبەر بىنيامىن دەرۋازىسىغا كەلگەندە، شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، يەنى شەلەميانىڭ ئوغلى، خانانيانىڭ نەۋرىسى يىرئىيا يەرەمىيانى تۇتۇۋالدى ۋە ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: _ سەن بابىللىقلارنىڭ قېشىغا قېچىپ كەتمەكچى بولدۇڭ!


ئۇ ئوردىدىكى پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىسىنىڭ خانىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پادىشاھنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ يىغىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىسى ئەلىشاما، شىمايانىڭ ئوغلى دىلايا، ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتان، شافاننىڭ ئوغلى گىماريا، خانانيانىڭ ئوغلى زىدقىيا ۋە باشقا بارلىق ئەمەلدارلار ئۇ يەردە ئولتۇرغانىدى.


_ پەرۋەردىگار: «خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، مەن ئىككى يىل ئىچىدە بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ بارلىق ئەللەرگە سالغان بويۇنتۇرۇقىنى چېقىپ تاشلايمەن» دەيدۇ، _ دېدى. خانانيا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇ يەردىن كەتتى.


ئاندىن مەنكى يەرەمىيا ئوخشاش بىر ۋەھىينى يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا تەكرارلاپ، مۇنداق دېدىم: _ ئەگەر سىلەر ياشاشنى خالىساڭلار، بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا كىرىڭلار، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار. ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە خىزمەت قىلىڭلار.


ئاندىن پادىشاھ زىدقىيا بىلەن كۆرۈشكىلى يېرۇسالېمغا كەلگەن ئىدوم، موئاب، ئاممون، تىر ۋە سىدوننىڭ ئەلچىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن.


مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بۇ ساختا پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىنىڭ چۈشلىرىنى ئېيتىۋەرسۇن. ئەمما مېنىڭ ھەقىقىي ۋەھىي يەتكۈزگۈچىلىرىم مېنىڭ ھەربىر سۆزۈمنى سادىقلىق بىلەن جاكارلىسۇن. پاخال بىلەن دان ئوتتۇرىسىدا پەرق بار!


ئاقساقاللار ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەرلەر باش بولسا، ساختا پەيغەمبەرلەر قۇيرۇقتۇر.


پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا نۇسرەت ئاتا قىلىپ، ئامورلارنى مەغلۇپ قىلغان كۈنى، يوشۇۋا ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارغا: «قۇياش گىبئون ئاسمىنىدا توختاپ تۇرسۇن، ئاي ئاييالون جىلغىسىدا توختاپ تۇرسۇن» دەپ دۇئا قىلدى.


بىر كۈنى پادىشاھ سۇلايمان گىبئون شەھىرىگە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن باردى. ئۇ يەردىكى سەجدىگاھ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان سەجدىگاھلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ئىدى. سۇلايمان ئىلگىرى ئۇ يەردىكى قۇربانلىق سۇپىسىدا مىڭلىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلغانىدى.


زىدقىيا تەختكە چىققان چاغدا 21 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خامۇتال بولۇپ، لىبناھ شەھىرىدىكى يەرەمىيانىڭ قىزى ئىدى.


زىدقىيا تەختكە چىققان چاغدا 21 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.


ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇۋاتقان روھانىيلار ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا خانانيا پەيغەمبەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ،


شۇ يىلنىڭ يەتتىنچى ئېيىدا خانانيا ئۆلدى.


«بابىل پادىشاھى سىلەرگە ۋە بۇ زېمىنغا ھۇجۇم قىلمايدۇ» دەپ ۋەھىي يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلىرىڭلار ھازىر قېنى؟


زىدقىيا پادىشاھ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى مەزگىللەردە، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئېلام توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى.


زىدقىيا پادىشاھنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنىڭ 4-يىلى، يەرەمىيا پەيغەمبەر ماخسېيانىڭ نەۋرىسى، نېرىيانىڭ ئوغلى سىراياغا بۇيرۇق قىلدى. ئۇ چاغدا سىرايا زىدقىيا پادىشاھ بىلەن بابىلغا بارماقچى ئىدى. سىرايا بولسا زىدقىيا پادىشاھنىڭ خاس خىزمەتكارى ئىدى.


ئۇلار رەزىللىكلىرى بىلەن پادىشاھنى، يالغانچىلىقلىرى بىلەن ئەمەلدارلارنى خۇش قىلىدۇ.


ئەمما سىلەر: ‹پەرۋەردىگار بابىلدا بىز ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى تەيىنلىدى› دەيسىلەر.


ئۇلارنىڭ يەتكۈزگەن غايىبانە ئالامەتلىرى ساختا، ۋەھىيلىرى يالغاندۇر. ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ› دەپ تارقىتىدۇ، لېكىن ئۇلار مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەر ئەمەستۇر. شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىمەنە سۆزلىرىنى مېنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇمنى كۈتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite