Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 27:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى تۇچتىن ياسالغان تۈۋرۈكلەر، «دېڭىز» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقان، ئىبادەتخانىدىكى تۇچ ھارۋىلار ۋە بۇ شەھەردىكى بارلىق قىممەتلىك بۇيۇملار توغرىسىدا ئالدىن بېشارەت بەرگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 27:19
10 Referans Kwoze  

بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى تۇچ تۈۋرۈكنى، ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى تۇچ داسلار قويۇلغان تۇچ ھارۋىلارنى ۋە «دېڭىز» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقاننى بۇزۇپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.


ھەربىر تۇچ تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى توققۇز مېتىر ئىدى. تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىدا تۇچتىن ياسالغان ئايرىم باش بولۇپ، ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر ئىدى. تۈۋرۈك بېشىنى ئوراپ تۇرىدىغان تورسىمان بېزەك ۋە ئانارلار بولۇپ، ھەممىسى تۇچتىن ياسالغانىدى. تۈۋرۈكنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ئوخشاش تورسىمان بېزەك بار ئىدى.


ئىگىمىز خۇدا نىبۇكادنەزەرنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنى تۇتقۇن قىلىشىغا ۋە ئىبادەتخانىدىكى بىر قىسىم مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ كېتىشىگە يول قويدى. نىبۇكادنەزەر بۇ بۇيۇملارنى بابىلدىكى ئۆز ئىلاھى ئۈچۈن ياسالغان ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە ئەكىرىپ قويدى.


ھۇرام يەنە كەڭلىكى 5 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 2.5 مېتىر، ئايلانمىسى 15 مېتىر كېلىدىغان يۇمىلاق شەكىلدىكى بىر تۇچ داڭقان قۇيدى. بۇ داڭقان «دېڭىز» دەپ ئاتالدى.


ھۇرام يەنە تۇچ داسلارنى قويۇش ئۈچۈن ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى 2 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر كېلىدىغان تۇچ ھارۋىدىن ئوننى ياسىدى.


بابىل پادىشاھى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك بۇيۇملارنى، قىممەتلىك نەرسىلەرنى، پادىشاھ خەزىنىسىدىكى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى بارلىق بايلىقلارنى، قىسقىسى ھەممىنى بابىلغا ئېلىپ كەتتى.


دۈشمەن ئېلىپ كەتتى سىئوننىڭ بايلىقلىرىنى. كۆردى سىئون خەلقى ياتلارنىڭ بېسىپ كىرگىنىنى ئىبادەتخانىغا _ ئىگىمىزنىڭ ياتلارنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن جايىغا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite