Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 27:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 مەن يەرەمىيا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدىم: _ ئەگەر ئۇلار ھەقىقىي پەيغەمبەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزگۈچىلەر بولسا، ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا چىن دىلىدىن دۇئا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا، پادىشاھ ئوردىسىدا ۋە يېرۇسالېمدا قېلىپ قالغان قىممەتلىك بۇيۇملارنىڭ بابىلغا ئېلىپ كېتەلمەسلىكىنى تىلىسۇن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 27:18
18 Referans Kwoze  

سامۇئىلغا: _ بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا توختىماي نالە قىلسىڭىز، ئۇ بىزنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغاي، _ دەپ يېلىندى.


ياخشىلىققا يامانلىق قايتىشى كېرەكمۇ؟ ئۇلار ھەتتا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، ئورەك كولاۋاتىدۇ. مەن بۇرۇن ئالدىڭغا كېلىپ، ئاشۇ سۇيىقەستچىلەرگە بولغان غەزىپىڭنى بېسىش ئۈچۈن، سەندىن ئۆتۈنگىنىمنى يادىڭدا تۇتقايسەن.


بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۆز ئىلاھىنىڭ نامىغا ئىلتىجا قىلسۇن، مەنمۇ ئۆز پەرۋەردىگارىمنىڭ نامىغا ئىلتىجا قىلاي. ئوت ئارقىلىق جاۋاب بەرگىنى ھەقىقىي خۇدادۇر، _ دېدى. خەلق: _ بۇ ياخشى گەپ بولدى! _ دېيىشتى.


ماڭا كەلسەك، مەن سىلەر ئۈچۈن دائىم دۇئا قىلىمەن. ئەگەر سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلمىسام، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىمەن. مەن سىلەرگە ياخشى ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىمەن.


خەلق سامۇئىلغا: _ بىزنىڭ ئۆلۈپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز. چۈنكى بىز پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلىپتىمىز، _ دېدى.


ئەمدى سىلەر مەن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن يېلىنىپ بېقىڭلار. سىلەر ئاشۇنداق قۇربانلىقلارنى سۇنساڭلار، مەن سىلەرگە شەپقەت قىلارمەنمۇ؟!»


مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن سېپىلنى قايتا مۇستەھكەملەيدىغان ۋە سېپىلنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەن يېرىدە تۇرۇپ، يۇرتنى قوغدايدىغان ئادەمنى ئىزدىدىم، لېكىن تاپالمىدىم.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ يەردە نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپلار ياشىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەققانىيلىقى ئارقىلىق پەقەت ئۆزلىرىنىلا قۇتقۇزالايتتى.


ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ بىزنىڭ تەلىپىمىزگە قۇلاق سېلىپ، بۇ زېمىندا قالغان بىزلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز. بۇرۇن سانىمىز كۆپ ئىدى، لېكىن ھازىر سىز كۆرگەندەك، پەقەت نەچچىمىزلا قالدۇق.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەگەردە مۇسا بىلەن سامۇئىل ئالدىمدا تۇرۇپ، بۇ خەلق ئۈچۈن ماڭا ئىلتىجا قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ خەلققە ھېچقانداق مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەيتتىم. بۇ خەلق كەتسۇن! كۆزۈمدىن يوقالسۇن!


ئاندىن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ ئەي يەرەمىيا، بۇ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلما! ئۇلارنىڭ ئورنىدا ماڭا يىغلاپ ئىلتىجا قىلما! ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە مەندىن ئۆتۈنمە. چۈنكى مەن دۇئايىڭنى ئاڭلىمايمەن.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ خىزكىيا ۋە ئاموزنىڭ ئوغلى، يەنى پەيغەمبەر يەشايا خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلدى.


ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بۇقىنى ئەكېلىپ تەييار قىلدى. ئاندىن ئەتىگەندىن چۈشكىچە بائالنىڭ نامىغا ئىلتىجا قىلىپ: _ ئى بائال، بىزگە جاۋاب بەرگەيسەن! _ دېيىشتى. لېكىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى، ھېچكىممۇ جاۋاب بەرمىدى. ئۇلار ئۆزلىرى سالغان قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئەتراپىدا ئۇسسۇل ئويناشتى.


پەرۋەردىگار ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار سەۋەبىدىن ئابىمەلەكنىڭ ئوردىسىدىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى تۇغماس قىلىۋەتكەنىدى. شۇڭا ئىبراھىم خۇداغا دۇئا قىلدى. خۇدا پادىشاھ ئابىمەلەك، ئايالى ۋە كېنىزەكلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى يەنە پەرزەنت كۆرەلەيدىغان قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite