Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 27:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئاندىن مەن يەرەمىيا روھانىيلار ۋە بارلىق خەلققە مۇنۇلارنى دېدىم: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «‹پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ كېتىلگەن ئالتۇن بۇيۇملار پات يېقىندا بابىلدىن قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ› دەپ ۋەھىي يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان!

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 27:16
7 Referans Kwoze  

بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بۇ جايدىن بابىلغا يۆتكەپ كەتكەن بارلىق نەرسىلەرنى مەن ئىككى يىل ئىچىدە ئورنىغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىمەن.


خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، بابىل پادىشاھى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ۋە ئوردىدىكى بارلىق بايلىقلارنى ئېلىپ كەتتى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايمان ئىبادەتخانا ئۈچۈن ياساتقان ئالتۇن بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى بۇزۇۋەتتى.


ئىگىمىز خۇدا نىبۇكادنەزەرنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنى تۇتقۇن قىلىشىغا ۋە ئىبادەتخانىدىكى بىر قىسىم مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ كېتىشىگە يول قويدى. نىبۇكادنەزەر بۇ بۇيۇملارنى بابىلدىكى ئۆز ئىلاھى ئۈچۈن ياسالغان ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە ئەكىرىپ قويدى.


ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋەھىيلىرى يالغان. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاش پەقەت ئۆز زېمىنىڭلاردىن ئايرىلىپ، يىراق جايلارغا سۈرگۈن قىلىنىشىڭلارغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئەگەر سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، مەن سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىمەن، سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان زېمىندا ئۆلىسىلەر.


سىلەرگە «بابىل پادىشاھىغا خىزمەت قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ» دەپ سۆزلەۋاتقان ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتىدۇ.


ئاقساقاللار ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەرلەر باش بولسا، ساختا پەيغەمبەرلەر قۇيرۇقتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite