Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 27:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنى ئەۋەتكەن ئەمەس. ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ نامىمدا يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالساڭلار، مەن سىلەرنى ۋە يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقان شۇ پەيغەمبەرلەرنى زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىمەن. ھەممىڭلار سۈرگۈن قىلىنغان زېمىندا ئۆلىسىلەر.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 27:15
27 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋەھىيلىرى يالغان. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاش پەقەت ئۆز زېمىنىڭلاردىن ئايرىلىپ، يىراق جايلارغا سۈرگۈن قىلىنىشىڭلارغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئەگەر سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، مەن سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىمەن، سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان زېمىندا ئۆلىسىلەر.


پەيغەمبەرنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، پادىشاھ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى: _ ئاغزىڭنى يۇم، قاچاندىن بېرى سەن مېنىڭ مەسلىھەتچىم بولۇپ قالدىڭ، ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ؟ پەيغەمبەر بىردەم تۇرۇۋېلىپ، يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: _ مەن بىلىمەن، خۇدا سېنى چوقۇم ھالاك قىلىدۇ. چۈنكى سەن رەزىل ئىش قىلدىڭ ھەم نەسىھەتىمگە قۇلاق سالمىدىڭ.


دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلەر كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەر ئىككىلىسى تۇتۇلدى. ساختا پەيغەمبەر شۇ مۆجىزىلەر ئارقىلىق تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ھەمدە دىۋىنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى.


چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار ھەتتا خۇدا تاللىغانلارنىمۇ چوڭ مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى.


ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار؛ ئۇلار قارىغۇلارغا يول باشلايدىغان قارىغۇلاردۇر. ئەگەر قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلىسە، ھەر ئىككىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.


بۇ ئادەملەر مېنىڭ نامىم بىلەن يالغاندىن ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتىدۇ. مەن، پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن ئۇلارنى ئەۋەتمىدىم!›


بۇ پەيغەمبەرلەرنى مەن ئەۋەتمىدىم، لېكىن ئۇلار ھەممە يەردە قاتراپ يۈردى. مەن سۆزۈمنى ئۇلارغا چۈشۈرمىدىم، لېكىن ئۇلار يەنىلا مېنىڭ نامىمنى سېتىپ ۋەھىي يەتكۈزۈشتى.


شۇڭا مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن: ‹مەن بۇ پەيغەمبەرلەرنى ئازابلاپ، ئۇلارغا زەھەرلىك جازا سۈيىنى ئىچكۈزىمەن. چۈنكى يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمانسىزلىقى بۇ زېمىنغا كەڭ تارقالدى.›»


ئەي پاشكۇر، ساڭا كەلسەك، سەن ئائىلەڭ بىلەن بىرلىكتە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىسەن. سەن ئۇ يەردە ئۆلۈپ، دەپنە قىلىنىسەن. سەن يەتكۈزگەن يالغان ۋەھىيلەرگە ئىشەنگەن بارلىق دوستلىرىڭمۇ ئوخشاش ھالغا چۈشىدۇ.»


مېنىڭ نامىمنى ئاتاپ تۇرۇپ يالغاندىن ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقان بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: ‹مەن بىر چۈش كۆردۈم. مەن بىر چۈش كۆردۈم...› دېيىشىۋاتىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئاراڭلاردىكى ساختا پەيغەمبەرلەر ۋە پالچىلار سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىڭلارغا خۇش ياقىدىغان چۈشلىرىگە ئىشەنمەڭلار.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ پەيغەمبەرلەر مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان سۆزلەۋاتىدۇ. مەن ئۇلارنى سۆزلەشكە ئەۋەتمىدىم ياكى سۆزلەشكە بۇيرۇمىدىم. مەن ئۇلارغا ھېچقانداق ۋەھىي چۈشۈرمىدىم. ئۇلار خۇدا تەرىپىدىن غايىبانە ئالامەت كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ ۋە يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدە ئالدىن بېشارەت بېرىشىدۇ، لېكىن بۇلار يالغاندۇر. ئۇلار پەقەت ئۆز ئىچىدىن ئويلاپ تاپقان يالغان ئىشلارنى سۆزلەيدۇ.


يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا قالغان بارلىق ئاياللار بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا بېرىلىدۇ. بۇ ئاياللار سېنى مازاق قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئىشەنگەن يېقىن دوستلىرىڭ سېنى ئالدىدى، ئۇلار سېنى باشقۇردى، مانا ئەمدى پۇتلىرىڭ پاتقاققا پاتتى، يېقىن دوستلىرىڭ سەندىن يۈز ئۆرۈدى.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite