Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 27:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ئاندىن مەنكى يەرەمىيا ئوخشاش بىر ۋەھىينى يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا تەكرارلاپ، مۇنداق دېدىم: _ ئەگەر سىلەر ياشاشنى خالىساڭلار، بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا كىرىڭلار، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار. ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە خىزمەت قىلىڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 27:12
11 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا زىدقىياغا مۇنداق دېدى: _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا تەسلىم بولساڭ، ھايات قالىسەن ۋە بۇ شەھەرمۇ كۆيدۈرۈلمەيدۇ. سەن بىلەن پۈتۈن ئائىلەڭ ھايات قالىدۇ.


يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، يەنى ئۇنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزگىنىگە تۆت يىل بەش ئاي بولغان ۋاقىتتا، ئاززۇرنىڭ ئوغلى، يەنى گىبئونلۇق پەيغەمبەر خانانيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا يەرەمىياغا سۆز قىلدى. ئۇ روھانىيلار ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:


ئەمما قايسىبىر ئەل ياكى پادىشاھلىق ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدا، يەنى خىزمىتىدە بولمىغۇچە، مەن شۇ ئەللەرنى ئۇ ئارقىلىق جازالايمەن. ئۇلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەردە ۋەيران بولىدۇ.


بىراق، ماڭا قۇلاق سالغانلار ئامان-ئېسەن ياشايدۇ، يامانلىقنىڭ ۋەھىمىسىدىن خالىي، خاتىرجەم بولىدۇ.


سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ سەۋەبىدىن، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندىن ئايرىلىپ قالىسىلەر. شۇنداقلا مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلارمۇ بىلمەيدىغان يات زېمىندا دۈشمەنلىرىڭلارغا قۇل قىلىپ بېرىمەن. چۈنكى سىلەر مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىدىڭلار، بۇ غەزەپ مەڭگۈ لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا ئوخشايدۇ.»


_ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى چېقىپ تاشلايمەن.


سىلەر ئەندىشە قىلىۋاتقان بابىل پادىشاھىدىن قورقماڭلار. مەن سىلەرگە دەيمەنكى، ھەرگىز ئۇنىڭدىن قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇپ، سىلەرنى قوغدايمەن ھەمدە ئۇنىڭ قولىدىن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن.


شەھەردە قالغانلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ياكى كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ. شەھەردىن ئايرىلىپ، شەھەرنى قورشاۋغا ئالغان بابىللىقلارغا تەسلىم بولغانلار ھايات قالىدۇ. بۇ ئادەملەر ئۆز جانلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite