Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 27:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 لېكىن ھەرقانداق بىر ئەل ئۆز بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى بىلىپ يېتىپ، بابىل پادىشاھىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلسا، مەن ئۇ ئەلنى ئۆز زېمىنىدا قالدۇرۇپ، زىرائەت تېرىپ ياشىشىغا يول قويىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 27:11
8 Referans Kwoze  

ئەمما قايسىبىر ئەل ياكى پادىشاھلىق ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدا، يەنى خىزمىتىدە بولمىغۇچە، مەن شۇ ئەللەرنى ئۇ ئارقىلىق جازالايمەن. ئۇلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەردە ۋەيران بولىدۇ.


مۇنداق دېدى: _ خۇرۇم تاسما ۋە ياغاچتىن بىر بويۇنتۇرۇق ياساپ، ئۇنى بوينۇڭغا سالغىن.


شەھەردە قالغانلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ياكى كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ. شەھەردىن ئايرىلىپ، شەھەرنى قورشاۋغا ئالغان بابىللىقلارغا تەسلىم بولغانلار ھايات قالىدۇ. بۇ ئادەملەر ئۆز جانلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ.


«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شەھەردە قالغانلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ياكى كېسەللىك بىلەن ئۆلىدۇ. بۇ شەھەردىن ئايرىلىپ، بابىللىقلارغا تەسلىم بولغانلار ھايات قالىدۇ. ئۇلار جېنىنى جەڭدىن ساقلاپ قالىدۇ.›


ئاندىن مەنكى يەرەمىيا ئوخشاش بىر ۋەھىينى يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا تەكرارلاپ، مۇنداق دېدىم: _ ئەگەر سىلەر ياشاشنى خالىساڭلار، بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا كىرىڭلار، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار. ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە خىزمەت قىلىڭلار.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن باشقا ئەللەرگە تارقىلىپ كەتكەن ئىسرائىللارنى يىغىپ ئەكېلىپ، ئۇلار ئارقىلىق مۇقەددەسلىكىمنى باشقا ئەللەرگە نامايان قىلغاندا، ئىسرائىللار مەن خىزمەتكارىم ياقۇپقا ئاتا قىلغان زېمىنغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite