Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 26:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام يەرەمىيا تەرەپتە تۇردى، يەرەمىيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇشىغا يول قويمىدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 26:24
21 Referans Kwoze  

يەرەمىيانىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدىن ئېلىپ چىقتى ۋە ئۇنى شافاننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىدالياغا تاپشۇردى. گىداليا ئۇنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا ئۆز خەلقى بىلەن بىللە ياشىدى.


پادىشاھ ئاخابنىڭ ئايالى، يەنى خانىش ئىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىغاندا، ئوبادىيا ئۇلاردىن يۈز نەپىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىپ، ئىككى ئۆڭكۈرگە ئەللىكتىن يوشۇرۇپ، ئۇلارغا نان ۋە سۇ بەرگەنىدى.)


لېكىن، زېمىن ئايالغا ياردەم قىلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ، ئەجدىھانىڭ ئاغزىدىن ئېتىلىپ چىققان دەريانى يۇتتى.


لېكىن، پاۋلۇسنى قۇتقۇزۇشنى خالىغان يۈزبېشى لەشكەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويمىدى. ئۇ ئالدى بىلەن سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قىرغاققا چىقىشىنى،


تالاش-تارتىش ئەۋج ئېلىپ كەتتى. يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇسنى تارتىپ پارچە-پارچە قىلىۋېتىشتىن قورقۇپ قالغان قوماندان لەشكەرلىرىنىڭ زالغا كىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن پاۋلۇسنى زورلۇق بىلەن تارتىپ چىقىپ، قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشىنى بۇيرۇدى.


ۋە خىلقىيا، شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام، مىكاھنىڭ ئوغلى ئابدون، پۈتۈكچى شافان ۋە خىزمەتكارى ئاساياغا مۇنداق دەپ بۇيرۇدى:


بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۆزى يەھۇدىيە زېمىنىدا قالدۇرۇپ قويغان ئاھالىلەرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن شافاننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ۋالىيلىققا تەيىنلىدى.


ئۇ خەتنى شافاننىڭ ئوغلى ئەلئاسا ۋە خىلقىيانىڭ ئوغلى گىماريا ئارقىلىق ئەۋەتتى. ئۇلارنى بابىلغا، يەنى پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ قېشىغا يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا ئەۋەتكەنىدى.


ئۇ ۋاقىتتا بارۇك پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، پۈتۈكچى شافاننىڭ ئوغلى گىماريانىڭ ھۇجرىسىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇردى. بۇ ھۇجرا يېڭى دەرۋازا يېنىدىكى ئۈستۈنكى ھويلىدا ئىدى. ئۇ يەردە بارلىق ئادەملەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايتتى. ئۇ ئورام يازمىنى ئېچىپ، يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.


گىماريانىڭ ئوغلى، يەنى شافاننىڭ نەۋرىسى مىكايا بارۇك ئورام يازمىدىن ئوقۇغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى.


ئۇ ئوردىدىكى پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىسىنىڭ خانىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پادىشاھنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ يىغىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىسى ئەلىشاما، شىمايانىڭ ئوغلى دىلايا، ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتان، شافاننىڭ ئوغلى گىماريا، خانانيانىڭ ئوغلى زىدقىيا ۋە باشقا بارلىق ئەمەلدارلار ئۇ يەردە ئولتۇرغانىدى.


شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلار بارۇكقا: _ سەن ۋە يەرەمىيا چوقۇم بۇ يەردىن كېتىپ يوشۇرۇنۇڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ نەدە ئىكەنلىكىڭلارنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەڭلار، _ دېدى.


ئەكسىچە ئۇ بەگزادىلەردىن بىرى بولغان يىراخمىئېلنى، ئازرىئېلنىڭ ئوغلى سىرايانى ۋە ئابدىئېلنىڭ ئوغلى شەلەميانى پۈتۈكچى بارۇك ۋە يەرەمىيا پەيغەمبەرنى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇدى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى يوشۇرۇپ قويغانىدى.


بۇتلارنىڭ ئالدىدا ئىسرائىللارنىڭ يەتمىش نەپەر ئاقساقىلى تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شافاننىڭ ئوغلى يائازانيامۇ بار ئىدى. ئۇلار قوللىرىغا ئىسرىقدان ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن خۇشبۇي ئىس ئۆرلەپ تۇراتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite