Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 26:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 پادىشاھ يىھوياقىم ۋە ئۇنىڭ لەشكەر باشلىرى، ئەمەلدارلىرى ئۇرىيانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى بولۇشقانىدى. لېكىن ئۇرىيا بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى قورقۇپ، مىسىرغا قېچىپ كەتكەنىدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 26:21
15 Referans Kwoze  

ئۇلار سىلەرگە بىر شەھەردە زىيانكەشلىك قىلسا، يەنە بىر شەھەرگە قېچىپ بېرىڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر ئىسرائىلىيىنىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىنى ئارىلاپ بولغۇچە، ئىنسانئوغلى قايتىپ كېلىدۇ.


ھىرود شۇ سەۋەبتىن يەھيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق خەلقتىن قورققانىدى، چۈنكى خەلق يەھيانى پەيغەمبەر، دەپ قارايتتى.


ئەكسىچە ئۇ بەگزادىلەردىن بىرى بولغان يىراخمىئېلنى، ئازرىئېلنىڭ ئوغلى سىرايانى ۋە ئابدىئېلنىڭ ئوغلى شەلەميانى پۈتۈكچى بارۇك ۋە يەرەمىيا پەيغەمبەرنى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇدى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى يوشۇرۇپ قويغانىدى.


ئاسا خانانىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقى كەلدى ۋە ئۇنىڭ پۇتىغا تاقاق سېلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم كىشىلەرنى قاتتىق باستۇردى.


ھىرودىيە شۇ ۋەجىدىن يەھيا پەيغەمبەرگە ئۆچمەنلىك ساقلاپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانىدى.


ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغانلار ئەكسىچە ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ. مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى ئايىمايدىغانلار ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.


تېنىڭلارنى ئۆلتۈرسىمۇ، جېنىڭلارنى ئالالمايدىغانلاردىن قورقماڭلار. ئەكسىچە، تېنىڭلارنىمۇ، جېنىڭلارنىمۇ دوزاختا ھالاك قىلالايدىغان خۇدادىن قورقۇڭلار.


بەندىدىن قورقۇش ئۆزى ئۈچۈن تۇزاق قۇرغانلىقتۇر، لېكىن پەرۋەردىگارغا ئىشەنگەن ئادەم ئامان قالۇر.


ھاياتىم بولسىمۇ دائىم خەۋپ ئاستىدا، ئەمما تەلىملىرىڭنى ئۇنتۇماسمەن ئەسلا.


يەھۇدىيەلىكلەر زىكىرىياغا سۇيىقەست قىلىشتى. ئۇلار پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە زىكىرىيانى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشتى.


يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلار پادىشاھ ئوردىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ناھايىتى تېزلا يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ «يېڭى دەرۋازا» دەپ ئاتالغان كىرىش ئېغىزىدا سوت ئاچتى.


شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى ئەمەلدارلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق شەھەردە قالغان لەشكەرلەر ۋە پۈتۈن خەلقنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. بۇ ئادەم كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.


مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەن، خوجام ئادەم ئەۋەتىپ، سىلىنى ئىزدىمىگەن بىرمۇ ئەل ياكى پادىشاھلىق قالمىدى. كىشىلەر ئەگەر سىلىنى «ئۇ يەردە يوق» دېسە، ئۇ شۇ پادىشاھلىق ياكى ئەلنى سىلىنى تاپالمىغانلىقىغا قەسەم ئىچكۈزدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite