Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 26:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 (شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقان يەنە بىر پەيغەمبەر بار ئىدى. ئۇ بولسا قىريات-يىئارىمدىن كەلگەن شىمايانىڭ ئوغلى ئۇرىيا ئىدى. ئۇمۇ يەرەمىياغا ئوخشاش بۇ شەھەر ۋە زېمىنغا قارشى ۋەھىيلەرنى يەتكۈزگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 26:20
9 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇزاق ۋاقىت، يەنى يىگىرمە يىل قىريات-يىئارىم شەھىرىدە تۇرۇپ قالدى. بۇ مەزگىلدە پۈتۈن ئىسرائىللار ھەسرەت ئىچىدە پەرۋەردىگارغا ئىنتىزار بولۇپ تۇردى.


ئىسرائىللار بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، ئۈچ كۈندە ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ شەھەرلەرنىڭ نامى گىبئون، كىفىرا، بەئەروت، قىريات-يىئارىم دەپ ئاتىلاتتى.


ئاخىرى ئۇلار قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكى كىشىلەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ: _ فىلىستىيەلىكلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ بەردى، ئەمدى بۇ يەرگە كېلىپ، ئۇنى ئېلىپ كېتىڭلار! _ دېدى.


بۇ يەردىن يەنە جەنۇبقا بۇرۇلۇپ، بەيت-خورون شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئېدىرلىقنىڭ غەربىي قىرغىقىنى بويلاپ، يەھۇدا قەبىلىسىگە تەۋە بولغان قىريات-بائال، يەنى قىرئات-يىئارىم شەھىرىدە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ غەربىي پاسىلىدۇر.


ھەمدە قىريات-بائال (يەنى قىريات-يىئارىم)، رابباھ قاتارلىق ئىككى شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.


مەن سىلەرنى جازالىغان بولساممۇ، لېكىن ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. سىلەر مېنىڭ تەربىيەلىرىمگە پىسەنت قىلمىدىڭلار. سىلەرنىڭ قىلىچىڭلار خۇددى ئاچ شىرلاردەك مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى.


شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلار بارۇكقا: _ سەن ۋە يەرەمىيا چوقۇم بۇ يەردىن كېتىپ يوشۇرۇنۇڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ نەدە ئىكەنلىكىڭلارنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەڭلار، _ دېدى.


مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەن، خوجام ئادەم ئەۋەتىپ، سىلىنى ئىزدىمىگەن بىرمۇ ئەل ياكى پادىشاھلىق قالمىدى. كىشىلەر ئەگەر سىلىنى «ئۇ يەردە يوق» دېسە، ئۇ شۇ پادىشاھلىق ياكى ئەلنى سىلىنى تاپالمىغانلىقىغا قەسەم ئىچكۈزدى.


يىھوياقىم خۇددى ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite