Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 26:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 _ پادىشاھ خىزكىيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا، موراشىتلىك مىكاھ يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلققە ۋەھىي يەتكۈزۈپ: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ›» دېگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 26:18
13 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىئونغا قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدا ياشايمەن. ئەنە شۇ چاغدا يېرۇسالېم شەھىرى ‹ساداقەتلىك شەھەر›، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سىئون تېغى ‹مۇقەددەس تاغ› دەپ ئاتىلىدۇ.»


يەھۇدىيە پادىشاھلىرىدىن يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە، پەرۋەردىگاردىن موراشىت يېزىسىدىكى مىكاھقا ۋەھىيلەر كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا كەلگەن بۇ ۋەھىيلەر سامارىيە ۋە يېرۇسالېم ھەققىدە ئىدى.


ئۇ ھەمراھلىرى ۋە سامارىيە قوشۇنلىرى ئالدىدا: _ بۇ ئاجىز يەھۇدىيلار نېمە قىلالايدىكەن، ئۇلار بۇ سېپىلنى قايتىدىن ياسىماقچىمىكەن؟ ئۇلار قۇربانلىق قىلساقلا، بۇ ئىشنى بىر كۈندىلا پۈتتۈرەلەيمىز، دەپ ئويلامدىغاندۇ؟ خارابلىقتىكى كۈل ۋە داشقالغا ئايلانغان تاشلارنى قايتىدىن ئىشلىتەمدىكەن؟ _ دېدى.


شۇڭا سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ.


زېمىنىڭلارنىڭ ھەممە يېرى گۇناھقا تولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ زېمىندىكى مۇقەددەس تېغىم بىلەن بارلىق بايلىقىڭلار ۋە مال-مۈلكىڭلارنى دۈشمەنلىرىڭلارغا ئولجا قىلىپ تاپشۇرۇپ بېرىمەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمنى بىر خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەرنى چىلبۆرىلەر ماكان قىلىدۇ. مەن يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىمەن، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ياشىيالمايدۇ.»


ئى خۇدا، يات ئەللەر بېسىپ كىردى زېمىنىڭغا، ئۇلار بۇلغاپ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى، خارابىگە ئايلاندۇردى يېرۇسالېمنى.


بابىل خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىپ، چىلبۆرىلەر ئۇ يەرنى ماكان تۇتىدۇ. ئۇ قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ.


سەن ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟ مەن پەرۋەردىگار بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا قارار قىلىپ بولغانمەن. بۇرۇنلا پىلان قىلىپ بولغانمەن، مانا ھازىر بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىمەن. سېنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇشۇڭ مېنىڭ پىلانىمدۇر.


كېيىن خىزكىيا ۋە يېرۇسالېم خەلقى قەلبلىرىدىكى تەكەببۇرلۇققا توۋا قىلىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى خىزكىيا ۋاپات بولغۇچە پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى خەلققە چۈشمىدى.


شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى جايلاشقان تاغ تاغلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرىدۇ. ئۇ ھەممە تاغلاردىن بۈيۈك تۇرىدۇ، خەلقلەر ئۇ يەرگە سەلدەك ئېقىپ كېلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite