Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 26:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئاندىن روھانىيلار ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر ئەمەلدارلار ۋە پۈتۈن خەلققە مۇنداق دېدى: _ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ بۇ شەھەر ھەققىدە يامان ۋەھىي يەتكۈزدى. سىلەر ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئۆز قۇلىقىڭلار بىلەن ئاڭلىدىڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 26:11
13 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى ئەمەلدارلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق شەھەردە قالغان لەشكەرلەر ۋە پۈتۈن خەلقنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. بۇ ئادەم كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.


ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ - دېدى. - ئۆلۈم جازاسىغا تېگىشلىك! - دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار.


ئەگەر بىرەر پەيغەمبەر مېنىڭ نامىم بىلەن مەن دېمىگەن سۆزلەرنى قىلسا ياكى باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆزلىسە، ئۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.


پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە باشتىن-ئاياغ قۇلاق سېلىۋاتقان خالايىق ئۇنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر ھەققىدىكى سۆزىنى ئاڭلاش بىلەنلا: - ئۇنى يوقىتىش كېرەك! ئۆلتۈرۈش كېرەك! ئۇ ئۆلۈشكە تېگىشلىك! - دەپ چۇقان سېلىشتى.


يەھۇدىيلار مۇنداق دېيىشتى: - بىزدە شۇنداق بىر قانۇن بار. شۇ قانۇنغا ئاساسەن، ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك.


ئۇلار: - بۇ ئادەم يامان ئىش قىلمىغان بولسا، ئۇنى سىزگە تاپشۇرمىغان بولاتتۇق، - دەپ جاۋاب بېرىشتى.


ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان بارلىق سۇيىقەستىنى بىلىسەن. ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن! ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆزۈڭدىن ئۆچۈرۈۋەتمىگەيسەن! ئۇلار كۆز ئالدىڭدا مەغلۇپ بولۇپ، يىقىلىپ چۈشسۇن! ئۇلارنى غەزەپ بىلەن جازالىغايسەن!»


شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلار ۋە بارلىق خەلق روھانىيلارغا ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرگە مۇنداق دېدى: _ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق ئەمەس! ئۇ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نامىدا بىزگە سۆزلەپتىغۇ.


شەھەر ئاھالىلىرى يوئاشقا: _ ئوغلۇڭنى چىقىرىپ بەر، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم! ئۇ بائالغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسىنى چېقىپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى كېسىپ يىقىتىۋېتىپتۇ، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite