Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 25:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر سۆزۈمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار. ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغان بۇتلار ئارقىلىق غەزىپىمنى قوزغىدىڭلار. شۇ سەۋەبتىن ئۆز بېشىڭلارغا ئۆزۈڭلار بالا-قازا ئېلىپ كەلدىڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 25:7
15 Referans Kwoze  

چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مىسىردىن چىققان كۈندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە، مېنىڭ نەزىرىمدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى قوزغىدى›».


ئۆزى زىيان تارتار مېنى قولدىن بېرىپ قويغانلار، ئۆلۈمنى ياخشى كۆرگەنلەردۇر مېنى يامان كۆرگەنلەر.


ئۇلار يەنە ئوغۇل-قىزلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. پالچىلىق، رەمچىلىك ۋە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى يامان بولغان ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.


ئۇلار ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدى، ئەرزىمەس بۇتلار بىلەن ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. ئۆز خەلقىم بولمىغان باشقا خەلق ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغايمەن. ئۇلار ئەقىلسىز دەپ قارايدىغان خەلق ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغايمەن.


لېكىن خەلقىڭ ساڭا بويسۇنمىدى. سەندىن يۈز ئۆرۈدى ۋە قانۇنۇڭنى تاشلاپ قويدى. ئۇلار سېنىڭ يولۇڭغا قايتىشقا دەۋەت قىلغان پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ساڭا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈردى.


سىلەر سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى،


نېمە ئۈچۈن مىسىرغا كېلىپ، ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى قوزغايسىلەر؟ سىلەر پەقەت ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ۋەيران قىلىسىلەر ھەمدە دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر قارغايدىغان ۋە مەسخىرە قىلىدىغان نىشانغا ئايلىنىپ قالىسىلەر.


لېكىن پەرۋەردىگار ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ يولىغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى. پەيغەمبەرلەر ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار پەرۋا قىلمىدى.


«ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئېيتقىنىمدەك، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ھەممە بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. سىلەر جاھىللىق قىلىپ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى رەت قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن.›»


سىلەر گۈللەنگەن چاغدا مەن سىلەرگە سۆز قىلدىم، لېكىن سىلەر ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار. سىلەر ئەزەلدىن سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار، مانا بۇ سىلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭلاردا قىلغانلىرىڭلار.


گەرچە مەن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا قايتا-قايتا سۆزلىسەممۇ، ئۇلار سۆزۈمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدى. مەن ئېيتىمەنكى، سۈرگۈن قىلىنغان سىلەرمۇ ئاڭلىمىدىڭلار!


شۇڭلاشقا مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ھازىر سىلەردىن سورايمەن: نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا زىيان سالىدىغان بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ ئۆز ئەرلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە بوۋاقلىرىڭلارغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىپ ‹ھېچكىم ھايات قالمىسۇن› دەمسىلەر؟!


سىلەر ئەجدادلىرىڭلارنىڭ جاھىللىقىنى دورىماڭلار. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا مېنىڭ: ‹يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، رەزىل ئىشلاردىن قول ئۈزۈڭلار!› دېگەن سۆزلىرىمنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدى ھەم ماڭا ئىتائەت قىلمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite