Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 25:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار ۋە سەجدە قىلماڭلار. ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغان بۇت ئىلاھلار بىلەن غەزىپىمنى قوزغىماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەيمەن.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 25:6
17 Referans Kwoze  

ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى ئۇنتۇپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىسەڭلار، ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلساڭلار، مەن بۈگۈن سىلەرنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمەنكى، سىلەر چوقۇم ھالاك بولىسىلەر!


مەن سىلەرگە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم. ئۇلار سىلەرگە: ‹يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، توغرا ئىش قىلىڭلار. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار. شۇندىلا سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ زېمىندا ياشىيالايسىلەر.› دېدى. لېكىن سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار.


زېمىنىڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنى، يېتىم بالىلارنى، تۇل ئاياللارنى بوزەك قىلمىساڭلار، بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈشتىن قول ئۈزسەڭلار، بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزمىسەڭلار،


پەرۋەردىگار ئىسرائىللار بىلەن ئەھدىلىشىپ، ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئەمر قىلغانىدى: «باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلماڭلار، سەجدە قىلماڭلار، چوقۇنماڭلار ۋە قۇربانلىق قىلماڭلار.


ئەتراپىڭلاردىكى يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنماڭلار.


ئوغرىلىق، قاتىللىق، زىناخورلۇق قىلىسىلەر، قەسەم بەرگەندە يالغان سۆزلەيسىلەر، بائالنىڭ بۇتلىرىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىسىلەر، ئۆزۈڭلار بىلمىگەن يات ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر.


يەھۇدىيەلىكلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك بۇتقا چوقۇنۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ قەھر-غەزىپىنى قوزغىدى.


پەرۋەردىگارىمىز سىلەرگە شۇنچە شەپقەت قىلغان تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىبادەت قىلساڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈپ، بېشىڭلارغا زور بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، سىلەرنى قىرىپ تاشلايدۇ، _ دېدى.


مەن بۈگۈن يەتكۈزگەن ئەمرلەردىن چەتنەپ كەتمەڭلار، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىمەڭلار ۋە ئۇلارغا چوقۇنماڭلار.


ۋە ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى ئەمەلگە ئاشسا، كېيىن ئۇ «بىز باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەيلى، ئۇلارغا چوقۇنايلى» دەپ، سىلەرنى ئەزەلدىن نامىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىلاھلارغا ئېزىقتۇرسا،


سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ھەرقانداق شەكىلدە بۇت ياساپ، ئۇلارغا سەجدە قىلماڭلار. ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار.


مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭلار بولمىسۇن.


نېمە ئۈچۈن مىسىرغا كېلىپ، ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى قوزغايسىلەر؟ سىلەر پەقەت ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ۋەيران قىلىسىلەر ھەمدە دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر قارغايدىغان ۋە مەسخىرە قىلىدىغان نىشانغا ئايلىنىپ قالىسىلەر.


لېكىن مەن يەھۇدىيە خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىمەن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن. مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىمەن، ئۇلارنى ئوقيا، قىلىچ، ئۇرۇش، ئات ياكى چەۋەندازلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز قۇدرىتىم بىلەن قۇتۇلدۇرىمەن.


چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئەزەلدىن نەزىرىمدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ داۋاملىق قىلىۋاتقان بۇ قىلمىشلىرى مېنى بەك غەزەپلەندۈردى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


شۇڭلاشقا مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ھازىر سىلەردىن سورايمەن: نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا زىيان سالىدىغان بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ ئۆز ئەرلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە بوۋاقلىرىڭلارغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىپ ‹ھېچكىم ھايات قالمىسۇن› دەمسىلەر؟!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite