Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 25:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

32 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، بالايىئاپەت ئەلدىن ئەلگە يامراۋاتىدۇ. كۈچلۈك بوران زېمىننىڭ ئۇ چېتىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 25:32
12 Referans Kwoze  

بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى خۇددى بوران-چاپقۇندەك كېلىدۇ. ئۇ خۇددى شىددەتلىك قارا بورانغا ئوخشاش، رەزىل كىشىلەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.


پەرۋەردىگار بارلىق خەلقلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىغا غەزەپلەندى، ئۇ ئۇلارنى قىرغىن قىلىپ، تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ.


ئەل بىلەن ئەل، شەھەر بىلەن شەھەر بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىشقانىدى. چۈنكى خۇدا ھەر خىل ئاپەتلەر بىلەن ئۇلارنى ئازابلىغانىدى.


بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى خۇددى بوران-چاپقۇنغا ئوخشاش كېلىدۇ. ئۇ خۇددى شىددەتلىك بوران-چاپقۇنغا ئوخشاش، رەزىل كىشىلەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.


خۇددى ئۇلۇغ ئوت ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغاندەك، خۇددى جۇدۇن-چاپقۇن ئېلىپ كەلگەن قارا يامغۇر بىلەن مۆلدۈردەك، پەرۋەردىگار ئۇلۇغ ئاۋازىنى ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ جازالايدىغان غەزەپلىك قولىنى ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىدۇ.


- مەن كېلىشتىن بۇرۇن، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار غەيرىي تۈس ئالىدۇ. يەر يۈزىدىكى ئەللەر دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ غەزەپلىك شاۋقۇنىدىن ئالاقزادە بولىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: - بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى مېنى كۈتۈڭلار، مېنىڭ سوراق كۈنۈمنى كۈتۈڭلار! مەن ھەممە ئەللەر ۋە خەلقلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا قەھر-غەزىپىمنى چېچىش قارارىغا كەلدىم. پۈتۈن دۇنيا غەزەپ ئوتۇم بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ.»


مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ۋە نىيەتلىرىنى بىلىمەن. پۈتكۈل ئەللەر، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنى يىغىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ. ئۇلار كېلىپ، مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرىدۇ.


ئۇلارنىڭ ئوقيالىرى ئۆتكۈر بولۇپ، ساداقلىرىنىڭ كىرىچى چىڭ تارتىلغان. ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرى چاقماق تاشتەك قاتتىق، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى قۇيۇندەك پىرقىرايدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «قاراڭلار! شىمالدىن بىر كۈچلۈك قوشۇن كېلىۋاتىدۇ! ئەڭ يىراق زېمىندىكى بىر چوڭ خەلق سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.


ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئوقيا ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللانغان. ئۇلار ناھايىتى ۋەھشىي بولۇپ، ئۇلاردا مېھىر-شەپقەت يوقتۇر. ئۇلار ئۇچقۇر ئاتلارغا مىنىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، خۇددى دېڭىزنىڭ شاۋقۇنلىرىدەك ئاۋاز چىقىرىدۇ. ئەي سىئون، ئۇلار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سەپ تۈزمەكتە.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite