Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 25:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 _ پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كېلىۋاتقىلى 23 يىل بولدى. ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيانىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 13-يىلدىن باشلاپ تاكى بۈگۈنگىچە پەرۋەردىگار ئۆز ۋەھىيسىنى ماڭا ئايان قىلىپ كەلمەكتە. مەن سىلەرگە بۇ ۋەھىيلەرنى قايتا-قايتا يەتكۈزۈپ كەلدىم. لېكىن سىلەر ئۇلارغا قۇلاق سالمىدىڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 25:3
32 Referans Kwoze  

سىلەر چوقۇم مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار! مەن ئۇلارنى سىلەرگە قايتا-قايتا ئەۋەتتىم، لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىدىڭلار.


چۈنكى مەن ئەجدادلىرىڭلارنى ماڭا ئىتائەت قىلىشقا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردۇم. مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇردۇم.


ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان 13-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭغا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كېلىشكە باشلىغان.


مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىۋاتىمەن، سىلەر نۇرغۇن رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭلار، مېنىڭ قايتا-قايتا ئېيتقان سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار. مەن سىلەرنى توۋا قىلىشقا چاقىرغاندا، سىلەر جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدىڭلار!


گەرچە مەن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا قايتا-قايتا سۆزلىسەممۇ، ئۇلار سۆزۈمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدى. مەن ئېيتىمەنكى، سۈرگۈن قىلىنغان سىلەرمۇ ئاڭلىمىدىڭلار!


يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى زېمىنىنى ۋە ئىبادەتخانىنى پاكلىغاندىن كېيىن، ئازاليانىڭ ئوغلى پۈتۈكچى شافاننى، شەھەر باشلىقى مائاسېيانى ۋە يوئاخازنىڭ ئوغلى تەزكىرىچى يوئاخنى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاشقا ئەۋەتتى.


يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 8-يىلى، گەرچە ئۇ تېخى ياش بولسىمۇ، ئەجدادى داۋۇت ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئىنتىلىشكە باشلىدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەنى غەيرىي سەجدىگاھلاردىن، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىدىن، ئويما ۋە قۇيما بۇتلاردىن تازىلاشقا باشلىدى.


پۇرسەت بولسۇن-بولمىسۇن، ھەر ۋاقىت خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگىن. سەن زور سەۋر-تاقەت ۋە ياخشى تەلىم بېرىش بىلەن كىشىلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزەتكۈز ھەمدە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن ۋە رىغبەتلەندۈرگىن.


خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ، سىلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايسىلەر!


ئەتىسى سەھەردە، ئۇ يەنە مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كەلدى. پۈتۈن جامائەت ئۇنىڭ يېنىغا كېلىۋالغانىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى.


ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ تېخى سۈزۈلمەستىنلا، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەر سىرتىدىكى خىلۋەت بىر يەرگە بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى.


مەن خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتىپ، خەلقىمگە مەن نەپرەتلىنىدىغان بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلماسلىقنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقانىدىم.


مەن سىلەرگە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم. ئۇلار سىلەرگە: ‹يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، توغرا ئىش قىلىڭلار. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار. شۇندىلا سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ زېمىندا ياشىيالايسىلەر.› دېدى. لېكىن سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار.


پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتىپ كەلدى. لېكىن سىلەر كۆڭۈل قويۇپ، ئاڭلىمىدىڭلار.


نېمە ئۈچۈن قۇۋۋەتسىز يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالىسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتتە تاپقان پۇلۇڭلارنى سىلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئورۇنسىز سەرپ قىلىسىلەر؟ سىلەر سۆزۈمگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ياخشى يېمەكلىكلەرنى يېگەن بولىسىلەر، كۆڭلۈڭلەر توق تۇرىدۇ.


خەلقىم سۆزۈمگە قۇلاق سالسا ئىدى، ئىسرائىللار مەن باشلىغان يولدا ماڭسا ئىدى.


ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب ئۆز ئەمەلدارلىرىغا: _ گىلئادتىكى راموت شەھىرى بىزنىڭ ئەمەسمۇ؟! بىز نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئاررام پادىشاھىدىن قايتۇرۇۋالمايمىز؟ _ دېدى.


ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئەتە تاڭ سەھەردىلا ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، پىرئەۋن دەريا بويىغا چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگارىمىز: ‹خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قوي.


ئەتىسى سەھەردە ئىبراھىم ئېشىكىنى تەييارلاپ، ئىسھاق بىلەن ئىككى چاكىرىنى ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئىشلىتىدىغان ئوتۇنلارنى تەييارلاپ، خۇدا كۆرسەتكەن جايغا قاراپ ماڭدى.


يوشىيا تەختكە چىققان چاغدا 8 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 31 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.


ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۆزىنىڭ خەلقىگە ۋە ئۆزى ماكان قىلغان ئىبادەتخانىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى داۋاملىق پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى.


ئەجدادلىرىڭلار مىسىردىن ئايرىلغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، سىلەرگە خىزمەتكارىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم.


ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، يولۇمغا قايتىپ كېلىشنى خالىمىدى. گەرچە مەن قايتا-قايتا ئۇلارنى يېتەكلىگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇلار دېگەنلىرىمگە قۇلاق سالمىدى ھەم قىلمىشلىرىدىن ساۋاق ئالمىدى.


رېكابنىڭ ئوغلى يېھوناداب ئەۋلادلىرىغا شاراب ئىچمەسلىكنى بۇيرۇغان. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلغان. ئۇلار ئەجدادىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ئۈچۈن تاكى بۈگۈنگىچە ھېچقانداق شاراب ئىچىپ باقمىغان. لېكىن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە كۆپ قېتىم تەكىتلىسەممۇ، سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار.


يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلى پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا مۇنداق ۋەھىي كەلدى:


_ سەن تېرە پارچىلىرىدىن ئېلىپ، ئۇنىڭغا يوشىيا پادىشاھ بولغان چاغدىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە، شۇنداقلا باشقا بارلىق ئەللەر توغرىسىدا ساڭا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى يېزىپ چىققىن.


پەرۋەردىگار بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە غايىبنى بىلگۈچىلەر ئارقىلىق ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيە خەلقىگە: «يامان يولدىن قايتىڭلار! مەن سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ئەمر قىلغان ۋە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزگەن قانۇندىكى بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ،


لېكىن پەرۋەردىگار ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ يولىغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى. پەيغەمبەرلەر ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار پەرۋا قىلمىدى.


«ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئېيتقىنىمدەك، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ھەممە بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. سىلەر جاھىللىق قىلىپ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى رەت قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن.›»


سىلەر گۈللەنگەن چاغدا مەن سىلەرگە سۆز قىلدىم، لېكىن سىلەر ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار. سىلەر ئەزەلدىن سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار، مانا بۇ سىلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭلاردا قىلغانلىرىڭلار.


لېكىن خەلق بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا كۆزەتچىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، دۈشمەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلسە، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شورىدۇر.


سىلەر ئەجدادلىرىڭلارنىڭ جاھىللىقىنى دورىماڭلار. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا مېنىڭ: ‹يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، رەزىل ئىشلاردىن قول ئۈزۈڭلار!› دېگەن سۆزلىرىمنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدى ھەم ماڭا ئىتائەت قىلمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite