Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 25:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئۇلارغا ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شارابتىن سىلەر تاكى مەست بولۇپ ياندۇرغۇچە ئىچىڭلار. سىلەر تاكى يىقىلىپ چۈشۈپ ئورنۇڭلاردىن تۇرالمىغانغا قەدەر ئىچىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە ئۇرۇش ئاچىمەن.›»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 25:27
20 Referans Kwoze  

سىلەر شان-شەرەپكە ئېرىشمەيسىلەر، بەلكى شەرمەندە بولىسىلەر. نۆۋەت سىلەرگە كەلدى، ئىچىڭلار، خەتنىسىزلىكىڭلار ئاشكارىلانسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولىدىكى ئازابقا تولغان قەدەھنى ئىچىش نۆۋىتى سىلەرگە كەلدى. شان-شەرىپىڭلانىڭ ئورنىنى شەرمەندىلىك ئالىدۇ.


ئۇلار بۇ قەدەھتىكى شارابنى ئىچكەندە، دەلدەڭشىپ قالىدۇ، ئەقلىدىن ئازىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارغا ئۇرۇش ئاچىمەن.


ئەي ئۇس يۇرتىدا ياشايدىغان ئىدوملۇقلار، خۇشال بولۇۋېلىڭلار، شادلىنىۋېلىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تولغان قەدەھ كېلەر ئەمدى سىلەرگە، ئۇنى ئىچىپ مەست بولىسىلەر، ئاندىن يالىڭاچلىنىسىلەر.


ئەي، ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر، سىلەر مەست، لېكىن بۇ شارابنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس. شۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلاركى،


مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بابىلغا قارشى بىر قىلىچ كېلىدۇ! ئۇنىڭ ئاھالىلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە دانىشمەنلىرى ھالاك بولىدۇ!


«مىسىرلىقلارغا ئۇقتۇرۇڭلار، بۇنى مىگدول، نوپ ۋە تاخپانخېس شەھەرلىرىگە جاكارلاڭلار: ‹سەپ تۈزۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىڭلار. چۈنكى دۈشمەن قوشۇنلىرى قوشنا ئەللەرنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ.›


لېكىن بۇ كۈن مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر. بۇ كۈن مەن پەرۋەردىگار قىساس ئالىدىغان كۈندۇر. مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالىمەن. مېنىڭ قىلىچىم تويغۇچە گۆش يەيدۇ، قانخورلۇقى بېسىلغۇچە قاندىن ئىچىدۇ. مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شىمالدىكى فىرات دەرياسىنىڭ بويلىرىدا دۈشمەننى قۇربانلىق مال قىلىمەن.


دۈشمەننىڭ لەشكەرلىرى تاقىر تاغلاردىن ئۆتۈپ كېلىدۇ. مەن پەرۋەردىگار بۇ قوشۇنلارنى قىلىچ قىلىپ ئىشلىتىمەن. ئۇلار پۈتكۈل زېمىننى جازالايدۇ، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.


غەزىپىم ئىمانسىز خەلقلەرنى چەيلىدى، قەھرىم ئۇلارنى مەست قىلدى، قانلىرى يەرگە تۆكۈلدى.»


ئوقلىرىمنى ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن مەست قىلىمەن. قىلىچىمنى ئۇلارنىڭ گۆشلىرى بىلەن تويدۇرىمەن. ئەسىرلەرنىڭمۇ قېنىنى تۆكىمەن، يېتەكچىلىرىنىڭمۇ باشلىرىنى ئالىمەن.»


خۇدانىڭ غەزىپىنىڭ ساپ ھەم كۈچلۈك شارابىنى خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھتە ئىچىدۇ. ئۇ مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا ئوت ۋە گۈڭگۈرتتە ئازابلىنىدۇ.


ئاندىن ئۇلارغا مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى ئېيتقىن: «مەن پات ئارىدا بۇ زېمىندا ياشىغان بارلىق كىشىلەرنى غەرق مەست قىلىۋېتىمەن. داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان پادىشاھلاردىن تارتىپ، تاكى روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ۋە يېرۇسالېمنىڭ پۈتۈن پۇقرالىرىغىچە قاتتىق مەست قىلىمەن.


«ئۆلتۈرۈلگەن پادىشاھ يوشىيا ئۈچۈن يىغا-زار قىلىپ قايغۇرماڭلار. لېكىن پادىشاھنىڭ سۈرگۈن قىلىنغان ئوغلى ئۈچۈن يىغلاپ قايغۇرۇڭلار. چۈنكى ئۇ ئەمدى ئۆز زېمىنىنى قايتا كۆرەلمەيدۇ.»


ئۇلارنىڭ قورسىقى ئاچقاندا، مەن ئۇلارغا بىر زىياپەت تەييارلاپ، ئۇلارنى ۋارقىراپ كۈلۈشكىدەك مەست قىلىمەن، ئاندىن ئۇلار قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپ، مەڭگۈ ئويغانمايدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەپ ئاتالغان پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلنىڭ ئەمەلدارلىرى، دانىشمەنلىرى، ۋالىيلىرى، باشلىقلىرى ۋە جەڭچىلىرىنى مەست قىلىمەن. ئۇلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىپ، قايتا ئويغانمايدۇ.


ئەي نىنەۋىلىكلەر، سىلەرمۇ ئەمدى مەست ئادەمدەك دەلدەڭشىپ قالىسىلەر، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلاردىن يوشۇرۇنۇپ، ئۆزۈڭلارغا پاناھ ئىزدەپ يۈرىسىلەر.


‹ئەي دان شەھىرىنىڭ ئىلاھى، ئەي بەئەرشەبا شەھىرىنىڭ ئىلاھى› دەپ، سامارىيەنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكەنلەر يىقىلىدۇ، قايتا ئورنىدىن تۇرالمايدۇ.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite