Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 25:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 زىمرىنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئېلامنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، مىدىيانىڭ بارلىق پادىشاھلىرى،

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 25:25
14 Referans Kwoze  

شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قولىنى ئىككىنچى قېتىم كۆتۈرۈپ، قېلىپ قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم خەلقنى قۇتقۇزىدۇ، يەنى ئۇلارنى ئاسسۇرىيەدىن، مىسىردىن، پاتروستىن، ئېفىيوپىيەدىن، ئېلامدىن، بابىلدىن، خاماتتىن ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ.


سامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئېلام، ئاسسۇر، ئارپاكشاد، لۇد ۋە ئاررام.


خەلقلەر ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە تەييارلانسۇن. مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرى ۋالىيلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە جەڭگە تەييارلانسۇن. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى پۈتكۈل ئەللەر ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە تەييارلانسۇن.


مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «يايىڭلارنىڭ ئوقىنى ئۇچلاڭلار! قالقانلىرىڭلارنى ئېلىڭلار! پەرۋەردىگار مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قوزغاپ، ئۇلار ئارقىلىق بابىلنى گۇمران قىلماقچى. ئۇ ۋەيران قىلىنغان ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ.


«مەن مىدىيالىقلارنى بابىللارغا قارشى ئاتلاندۇرىمەن. ئۇلار كۈمۈشكە قىزىقمايدۇ، ئالتۇنغا قاراپمۇ قويمايدۇ.


مەن غايىبانە ئالامەتتە ئېلام ئۆلكىسى ئۇلاي قانىلى بويىدىكى سۇزا قەلئەسىدە تۇراتتىم.


بۆلۈش _ پادىشاھلىقلىرىنىڭ مىدىيالىقلار بىلەن پېرسىيەلىكلەرگە بۆلۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.


ئېلاممۇ ئەنە شۇ يەردىدۇر. ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى قوشۇنلىرىنىڭ قەبرىلىرىدۇر. ئۇلار قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ، خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم قىلىندى. ئۇلار ھايات ۋاقتىدا باشقىلارغا ۋەھىمە سالغانىدى، ئەمدى گۆردىكىلەر بىلەن بىرگە نومۇسقا قالماقتا.


ئېلام پالۋانلىرى ئوقيالىرىنى ئېلىپ، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق چەۋەندازلىرى بىلەن كېلىدۇ، قىر پالۋانلىرى قالقانلىرىنى تەييار قىلىدۇ.


ئۇ ئىبراھىمغا زىمران، يوقشان، مىدان، مىديان، يىشباق ۋە شۇۋاختىن ئىبارەت ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.


شۇ كۈنلەردە بابىل پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسار پادىشاھى ئاريوك، ئېلام پادىشاھى كىدورلاۋمەر، گويىم پادىشاھى تىدئال قاتارلىق تۆت پادىشاھ بىرلىشىپ،


ئارىمىزدا پارتىيا، مېدىيا، ئېلام، مېسوپوتامىيە، يەھۇدىيە، كاپادوكىيا، پونتۇس، ئاسىيا،


مەن بىر قايغۇلۇق ۋەھىينى تاپشۇرۇپ ئالدىم: «ئالدامچى ئالدامچىلىق قىلىدۇ، بۇزغۇنچى بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەي ئېلاملار، ھۇجۇم قىلىڭلار! مىدىيالىقلار، قورشاڭلار! مەن بابىل ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئازابلارنى ئاخىرلاشتۇرىمەن!»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite