22 تىرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، سىدوننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى زېمىنلارنىڭ پادىشاھلىرى،
بارلىق فىلىستىيەلىكلەرنى ۋەيران قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى. ھايات قېلىپ، تىر ۋە سىدون شەھىرىگە ياردەم قىلالايدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ۋەيران بولىدىغان ۋاقتى كەلدى. كرىت ئارىلىدىن كەلگەن فىلىستىيەلىكلەرنى مەن پەرۋەردىگار تېزلا ۋەيران قىلىمەن.
شىمالدىكى بارلىق ھۆكۈمرانلار ۋە سىدونلۇقلارمۇ ئۇ يەردىدۇر. گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا ۋەھىمە سالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىرگە نومۇسقا قالغان ھالدا گۆردە ياتماقتا.
_ ئەي ئادەم بالىسى، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تىر شەھىرىگە قارشى شىددەتلىك ئۇرۇش ئېلىپ باردى. ئۇرۇشنىڭ شىددەتلىكىدىن دۇبۇلغىلار لەشكەرلەرنىڭ باشلىرىنى يالىدى، ئېغىر يۈكلەر مۈرىلىرىنى يېغىر قىلدى. لېكىن ئۇلار تۆلىگەن بەدەللىرىگە لايىق تىردىن ھېچقانداق ئولجىغا ئېرىشەلمىدى.
ئەي ئەللەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. بۇ سۆزلەرنى يىراق ئاراللارغا يەتكۈزۈڭلار: «ئىسرائىل خەلقىنى تارقىتىۋەتكۈچى پەرۋەردىگار ئۇلارنى يەنە جەم قىلىدۇ، ئۇلارنى خۇددى پادىلىرىغا قارىغان پادىچىغا ئوخشاش قوغدايدۇ» دەڭلار.
ئاندىن پادىشاھ زىدقىيا بىلەن كۆرۈشكىلى يېرۇسالېمغا كەلگەن ئىدوم، موئاب، ئاممون، تىر ۋە سىدوننىڭ ئەلچىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن.
بۇ تىر شەھىرى توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: يىراقتىكى تارشىشتىن قايتىپ كەلگەن دېڭىزچىلار قايغۇرۇپ نالە قىلىڭلار. شەھىرىڭلار تىر گۇمران بولىدۇ، ھېچبىر ئۆي ۋە پىرېستان ساق قالمايدۇ. بۇ خەۋەر ئۇلارغا سىپرۇس زېمىنىدا يەتكۈزۈلىدۇ.
ئەي سىدون شەھىرى، سېنىڭ يۈزۈڭ تۆكۈلىدۇ! چۈنكى تىر شەھىرى، يەنى دېڭىز بويىدىكى قۇرغان مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئەزەلدىن بالىلىرىم يوق، مەن ئەزەلدىن ئوغۇل-قىزلارنى باقمىغان.»
شۇ چاغ كەلگەندە، تىر شەھىرى 70 يىل ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ، بۇ، بىر پادىشاھنىڭ ئۆمرى بىلەن تەڭ. 70 يىلدىن كېيىن، تىر بۇ ناخشىدىكى پاھىشىگە ئوخشاپ قالىدۇ:
ماگوگنىڭ زېمىنىدا ۋە دېڭىز بويىدىكى جايلاردا خاتىرجەم ياشاۋاتقانلارغا ئوت ياغدۇرىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.
بايلىقلىرىڭ، ماللىرىڭ، تاۋارلىرىڭ، كېمىچىلىرىڭ، رولچىلىرىڭ كېمە ياسىغۇچى ئۇستىلىرىڭ، سودىگەرلىرىڭ، لەشكەرلىرىڭ ۋە كېمەڭدىكى ھەرقانداق ئادەم سەن ۋەيران بولغان كۈنى دېڭىز مەركىزىدە پۈتۈنلەي غەرق بولىدۇ.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
_ ئەي ئادەم بالىسى، سىدون شەھىرىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز