19 مەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بۇ غەزەپ شارابىنى ئىچكۈزىمەن. يەنى مىسىر پادىشاھى، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى، ئەمەلدارلىرى، خەلقلىرى،
بۇ مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر. يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ 4-يىلى، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر فىرات دەرياسىنىڭ يېنىدىكى كاركىمىش دېگەن جايدا مىسىر پادىشاھى نىكونىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغانىدى. پەرۋەردىگار مىسىر قوشۇنلىرى ھەققىدە بۇرۇن مۇنداق دېگەنىدى:
نىبۇكادنەزەر مىسىر ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ئولجا ئالىدۇ ۋە بۇتخانىلىرىغا ئوت قويۇپ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. ئۇ مىسىر زېمىنىدىكى نەرسىلەرنى خۇددى پادىچى چاپىنىدىكى پىتلارنى تەرگەندەك، ھەممىسىنى تېرىۋېلىپ، ساق-سالامەت قايتىپ كېتىدۇ.
ئۇ مىسىردىكى قۇياشقا ئاتالغان بۇتخانىغا ئورنىتىلغان تۈۋرۈكلەرنى چېقىپ تاشلايدۇ ھەمدە مىسىرلىقلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بۇتخانىلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.›»