Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 25:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 مەن خۇشاللىق ۋە كۈلكە سادالىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن. توي قىلغان يىگىتلەر ۋە كېلىنچەكلەرنىڭ شادلىق ئاۋازلىرى ئەمدى ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ. ئۇن تارتىۋاتقان تۈگمەنلەرنىڭ غىچىرلاشلىرى توختايدۇ. ئۆيلەردىكى يېنىۋاتقان چىراغلار ئۆچۈرۈلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 25:10
14 Referans Kwoze  

مەن يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدىكى خۇشاللىق سادالىرىنى، كۈلكە ئاۋازلىرىنى ۋە توي تەنتەنىلىرىنى يوق قىلىمەن. بۇ زېمىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.»


مەن سەندىكى نەغمە-ناۋالارنى يوقىتىمەن، سەندە ئەمدى لىرانىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ.


چۈنكى، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىمەن. سەن ھايات چاغدا، كۆز ئالدىڭدىلا بۇ زېمىندىكى خۇشاللىق ۋە كۈلكە ئاۋازلىرىنى يوقىتىمەن. تويى بولغان قىز-يىگىتلەرنىڭ شادلىق كۈلكىلىرىمۇ ئاڭلانمايدۇ.


ئۇنىڭ خۇشال ئۆتكۈزىدىغان بارلىق بايراملىرىنى، يەنى يېڭى يىل، يېڭى ئاي بايراملىرىنى، باشقا بەلگىلەنگەن ھېيتلىرىنى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى يوق قىلىمەن.


پادىشاھ پەرمانىدا يەھۇدىيلارغا ھەرقايسى شەھەرلەردە توپلىنىپ، ئۆزلىرىنى قوغداشقا ھوقۇق بەردى. بۇنىڭدىن سىرت يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلغان ھەرقانداق دۈشمەن خەلقنىڭ ياكى باشقا ئۆلكىلەرنىڭ ئادەملىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە، قىرىشقا ۋە يوق قىلىشقا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا ئېلىشقا رۇخسەت بەردى.


چۈنكى مەن ۋە خەلقىم ئۆلتۈرۈلۈش، قىرىلىش ۋە يەر يۈزىدىن يوق قىلىنىش ئۈچۈن سېتىلدۇق. ئەگەر بىز پەقەت قۇل ۋە دېدەك بولۇش ئۈچۈن سېتىلغان بولساق ئىدۇق، مەن ئەسلا ئۈن چىقارمىغان بولاتتىم. چۈنكى بۇنداق بىر ئىش ئۈچۈن ئالىيلىرىنى ئاۋارە قىلىش ئەسلا مۇۋاپىق بولمايتتى، _ دېدى.


پەرمان چاپارمەنلەر ئارقىلىق ئىمپېرىيەنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان بولدى. پەرماندا: «12-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 13-كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ قېرى-ياش، ئەر-ئايال، بالا-چاقىلىرىنىڭ ھەممىسى بىر كۈن ئىچىدە ئۆلتۈرۈلسۇن، قىرىپ تاشلانسۇن، پۈتۈنلەي يوق قىلىنسۇن، مال-مۈلۈكلىرى تالان-تاراج قىلىنسۇن» دەپ يېزىلغانىدى.


ھازىردىن باشلاپ تۈگمەن تېشى بىلەن ئۇن تارتىسەن. يۈزۈڭدىكى چۈمپەردەڭنى ئېلىپ تاشلا! ئېتەكلىرىڭنى قايرىپ قوي! پاقالچاقلىرىڭنى ئېچىپ، دەريادىن كېچىپ ئۆت!


شاد-خۇراملىق موئابنىڭ مۇنبەت زېمىنىدىن يوقىلىدۇ. مەن ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدىن ئېقىۋاتقان ئۈزۈم شەربىتىنى توختىتىمەن. ھېچكىم ئۇ يەردە ئۈزۈملىرىنى يانجىپ، خۇشاللىقىدىن ۋارقىرىمايدۇ. بۇ يەردە ۋارقىراشلار بولىدۇ، لېكىن بۇ خۇشاللىقتىن ئەمەستۇر.


قەلبىمىزدىن يوقالدى خۇشاللىقىمىز، ماتەم يىغىسىغا ئايلاندى ئۇسسۇلىمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite