Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 25:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ 4-يىلى، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان يىلى، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا يەھۇدىيەنىڭ بارلىق پۇقرالىرى توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 25:1
13 Referans Kwoze  

يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلى پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا مۇنداق ۋەھىي كەلدى:


يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى قورشاۋغا ئالدى.


بۇ مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر. يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ 4-يىلى، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر فىرات دەرياسىنىڭ يېنىدىكى كاركىمىش دېگەن جايدا مىسىر پادىشاھى نىكونىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغانىدى. پەرۋەردىگار مىسىر قوشۇنلىرى ھەققىدە بۇرۇن مۇنداق دېگەنىدى:


مىسىرنىڭ پادىشاھى نىكو يوئاخازنىڭ ئاكىسى ئەلياقىمنى يېرۇسالېمدا يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلىپ، ئىسمىنى يىھوياقىمغا ئۆزگەرتتى. ئىنىسى يوئاخازنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.


بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئۇ يىھوياقىمنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.


يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىم يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا ۋە يوشىيانىڭ يەنە بىر ئوغلى بولغان زىدقىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلىغىچە ئۇنىڭغا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كېلىپ تۇرغان. ئاشۇ يىلى يازدا يېرۇسالېم خەلقى سۈرگۈن قىلىنغان.


يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 10-يىلى پەرۋەردىگار يەرەمىياغا سۆز قىلدى. (بۇ چاغدا نىبۇكادنەزەر بابىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىغا 18 يىل بولغانىدى.)


نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقانلىرىنى تېرىگە پۈتكەن ۋاقتىدا، يەرەمىيا ئۇنىڭغا بىر ۋەھىينى يەتكۈزگەنىدى. بۇ ۋەھىي يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنىڭ 4-يىلى پۈتۈلگەن بولۇپ، يەرەمىيا مۇنداق دېگەنىدى:


ئىگىمىز خۇدا نىبۇكادنەزەرنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنى تۇتقۇن قىلىشىغا ۋە ئىبادەتخانىدىكى بىر قىسىم مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ كېتىشىگە يول قويدى. نىبۇكادنەزەر بۇ بۇيۇملارنى بابىلدىكى ئۆز ئىلاھى ئۈچۈن ياسالغان ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە ئەكىرىپ قويدى.


پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا بىر ۋەھىي كەلدى.


يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىم يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا مۇنداق ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:


پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى بىر چۈش كۆردى. چۈشى سەۋەبلىك كەيپىياتى بۇزۇلۇپ، ئۇيقۇسى قاچتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite