Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 24:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 مەن ئۇلارغا دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈپ كەتكۈدەك بىر بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۈلۈشىدۇ، مەسخىرە قىلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى خارلايدۇ. مەن ئۇلارنى چېچىۋەتكەن ھەرقانداق يەرلەردە ئۇلارنىڭ نامى قارغىش سۆزىگە ئوخشاش تىلغا ئېلىنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 24:9
29 Referans Kwoze  

مەن ئۇلارنى داۋاملىق ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەر بىلەن قوغلايمەن. دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلار ئۇلارغا نېمە بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، چۆچۈپ كېتىدۇ. مەن ئۇلارنى قەيەرگە تارقىتىۋەتسەم، كىشىلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى ئاڭلاپ، قورقۇپ كېتىدۇ. ئۇلار ئىزا-ئاھانەت، مەسخىرە ۋە قارغىشقا ئۇچرايدۇ.


يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل پادىشاھلىقنىڭ خەلقلىرى ئىسرائىل خەلقى دۇچار بولغان پاجىئەلەرنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيانىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ يېرۇسالېمدا قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن بولغاندۇر.


سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق ئەللەردە ئادەمنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە ئىزا-ئاھانەت ۋە كۈلكىگە قالىسىلەر.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيمەنكى، سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىڭلارنى قويۇپ بەرمىدىڭلار. ئەمدى مەن سىلەرنى قويۇپ بېرىمەن! مەن سىلەرنى ئۇرۇش، كېسەللىك ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈشۈڭلارغا قويۇپ بېرىمەن. مەن دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن ئىشلار ئارقىلىق چۆچۈتىمەن.


مەن ئۇلارنى ئۇلارغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىمەن، ھەتتا ئۆز نامىمغا ئاتاپ، مۇقەددەس قىلغان بۇ ئىبادەتخانىنىمۇ كۆزۈمدىن يوقىتىمەن. ئۇلار بارلىق ئەللەر ئالدىدا مازاق ۋە كۈلكىگە قالىدۇ.


بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر باشقىلارنى قارغىغاندا، پەرۋەردىگار ساڭا بابىل پادىشاھى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەن زىدقىيا ۋە ئاخابقا ئوخشاش مۇئامىلە قىلسۇن، دەيدۇ.


شۇڭا مەن بۇ ئىبادەتخانىنى خۇددى شىلو شەھىرىنى گۇمران قىلغاندەك گۇمران قىلىمەن. دۇنيادىكى ھەممە خەلقلەر بۇ شەھەرنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ قارغايدۇ.›»


مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىغا باردىم. ئۇلارنىڭ پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى بۇ غەزەپ شارابىدىن ئىچتى. شۇ كۈندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر، ئۇلار پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئادەملەرنى چۆچۈتىدىغان ھالغا كېلىپ قالدى ھەم مەسخىرە نىشانىغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى.


مەن تاللىغان خەلقىم ئىسمىڭلارنى ئاتاپ قارغايدۇ، مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار سىلەرنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن، لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمغا يېڭى ئىسىم قويىمەن.


مەن سىلەرنى ئۆزۈم سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن ھەيدەپ چىقىرىمەن. ئۆز نامىمغا ئاتاپ، مۇقەددەس قىلغان بۇ ئىبادەتخانىنىمۇ نەزىرىمدىن يىراق قىلىمەن. ھەتتا مەن بۇ ئىبادەتخانىنى بارلىق ئەللەر ئالدىدا مازاق ۋە كۈلكىگە قالدۇرىمەن.


ئۇ سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سىلەر دۈشمىنىڭلارغا بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلار جېنىڭلارنى تەرەپ-تەرەپكە ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىسىلەر. تەقدىرىڭلاردىن ئالەمدىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈيدۇ.


_ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولغانلىقىدىن تىر شەھىرى خۇشال بولۇپ: «سودا مەركىزىنىڭ دەرۋازىلىرى ۋەيران بولدى. ئەمدى ماڭا سودا يولى ئېچىلدى، ئۇ ۋەيران بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن باي بولۇپ كېتىمەن» دەيدۇ.


ۋە ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار. مۇقەددەس ئىبادەتخانام بۇلغىنىپ، ئىسرائىلىيە زېمىنى خارابلىشىپ، يەھۇدىيە خەلقى سۈرگۈن قىلىنغاندا سىلەر خۇشال بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن،


پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ قىلغان رەزىل ۋە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭلارغا چىداپ تۇرالمىدى. شۇ سەۋەبتىن زېمىنىڭلار ھېچكىم ياشىمايدىغان چۆل-جەزىرىگە ئايلاندى. زېمىنىڭلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. بۈگۈن ئۇ زېمىن شۇ ھالەتتە تۇرماقتا.


مىسىرغا بېرىپ، ئۇ يەردە ياشاشقا قارار قىلغان يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئامان قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن. مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىردا ئۇرۇش ياكى ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، كىشىلەر قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايدۇ.


چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مىسىرغا كەتسەڭلار، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى يېرۇسالېمدىكى كىشىلەرگە ياغدۇرغاندەك، سىلەرگىمۇ ياغدۇرىمەن. سىلەر كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، ئۇلار قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىسىلەر. سىلەر ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىسىلەر، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايسىلەر ۋە ئۆز زېمىنىڭلارنى ھەرگىز قايتا كۆرەلمەيسىلەر.»


مەن بۇ شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.


ماتەم تۇتۇپ، مەيۈسلىنىپ يۈرسەممۇ ئۆزۈم، مەن ئۇلارنىڭ سۆز-چۆچىكىگە يەنە قالدىم.


شۇ سەۋەبتىن، سىلەرنىڭ روھانىيلىرىڭلارنى شەرمەندە قىلىمەن، باشقا ئەللەرنىڭ ئىسرائىللارنى ۋەيران قىلىشىغا يول قويىمەن، سىلەرنى خورلۇقتا قويىمەن.»


ئەي يېرۇسالېم، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن، سېنى باشقا ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا جازالايمەن.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «ئۇلارغا بىر قوشۇننى ھۇجۇم قىلدۇرىمەن، ئۇلار بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ، قورقۇنچقا چۈشىدۇ.


مەن ئۇلارنى خۇددى يېرۇسالېمدىكىلەرنى جازالىغاندەك، مىسىردا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەل بىلەن جازالايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite