Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 24:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئەي يەرەمىيا، نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ ئەنجۈر كۆردۈم. ياخشىلىرى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، لېكىن ناچارلىرى ناچارلىقىدىن يېگىلىمۇ بولمايدىكەن، _ دەپ جاۋاب بەردىم.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 24:3
10 Referans Kwoze  

ئۇ: _ ئاموس، نېمىنى كۆردۈڭ؟ — دەپ سورىدى. مەن: _ بىر سېۋەت پىشقان مېۋە، _ دەپ جاۋاب بەردىم. ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئىسرائىل خەلقىمنىڭ ۋاقىت-سائىتى توشتى. ئەمدى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ تۇرالمايمەن.


ئۇ مەندىن: _ نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ مەن ساپ ئالتۇندىن ياسالغان بىر چىراغداننى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قاچا قويۇلغان بولۇپ، قاچىنىڭ گىرۋەكلىرىدە يەتتە دانە چىراغ، ھەر بىر چىراغدا يەتتە تالدىن پىلىك بار ئىدى.


ئۇ مەندىن: _ ئاموس، سەن نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ تامنىڭ تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى كۆردۈم، _ دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ: _ مەن ئەمدى ئىسرائىل خەلقىمنىڭ تۇتقان يولىنىڭ ئەگرى، تۈزلۈكىنى مۇشۇ تانا بىلەن تەكشۈرىمەن. مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ تۇرالمايمەن.


ياخشى، ئەمىسە بارايلى، _ دېدى سائۇل. ئۇلار خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن ئادەم تۇرىدىغان شەھەرگە قاراپ ماڭدى. ئۇلار داۋانغا چىقىپ، شەھەرگە بارىدىغان يولدا كېتىۋاتقاندا، قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىشكە چىققان قىزلارنى ئۇچرىتىپ، ئۇلاردىن: _ غايىبنى بىلگۈچى شەھەردىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. (ئۇ زامانلاردا ئىسرائىلىيەدە ھازىر پەيغەمبەر دېيىلگەن كىشى، «غايىبنى بىلگۈچى» دەپ ئاتىلاتتى. كىشىلەر خۇدادىن بىرەر ئىشنى ئىلتىجا قىلماقچى بولسا، «غايىبنى بىلگۈچىنىڭ قېشىغا بارايلى» دەيتتى.)


پەرىشتە مەندىن: _ نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ ئۇچۇۋاتقان بىر يازمىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون مېتىر، كەڭلىكى بەش مېتىر كېلىدىكەن، _ دەپ جاۋاب بەردىم.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئۇلارغا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلارنى خۇددى سېسىپ، يېگىلى بولمايدىغان ئەنجۈرگە ئوخشاش قىلىپ قويىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite