Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 24:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يىھوياقىمنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا بۇ غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. مەن يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدا ئىككى سېۋەت ئەنجۈرنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 24:1
22 Referans Kwoze  

(بۇ ئىش پادىشاھ يىھوياكىن، خان ئانىسى، ئوردا ئەمەلدارلىرى، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەمەلدارلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر يېرۇسالېمدىن سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن يۈز بەرگەنىدى.)


شۇ يىلى ئەتىياز كەلگەندە پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەھۇدىيە پادىشاھىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قىممەتلىك بۇيۇملارنى بىرگە بابىلغا ئەكەتتى. ئاندىن ئۇنىڭ تاغىسى زىدقىيانى يېرۇسالېمدا يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.


ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا باش روھانىي يوشۇۋانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى. شەيتان يوشۇۋانىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىۋاتاتتى.


پەرۋەردىگار يەنە ماڭا تۆت تۆمۈرچىنى كۆرسەتتى.


ئاندىن كېيىن ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا يەنە بىر غايىبانە ئالامەت كۆرسەتتى. ئىگەم تامنىڭ يېنىدا تامنىڭ تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى تۇتۇپ تۇرغانىكەن.


ئاندىن ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا باشقا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. ئۇ ئۆز خەلقىنى كۆيدۈرۈپ جازالاش ئۈچۈن ئوتقا ئەمر قىلىپتۇ. ئوت يەر ئاستىدىكى بۈيۈك سۇلارنى قۇرۇتۇپ، زېمىننى كۆيدۈرۈشكە باشلاپتۇ.


ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. خۇدا بىر توپ چېكەتكىلەرنى زېمىندا پەيدا قىلىپتۇ. بۇ ۋاقىت دېھقانلارنىڭ پادىشاھقا ئالۋان-سېلىق تاپشۇرۇپ بولۇپ، ئىككىنچى قېتىم تېرىغان زىرائەتلىرىنىڭ يېڭىدىن ئۈنۈشكە باشلىغان ۋاقتى ئىكەن.


دەرھەقىقەت، ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن مەقسەتلىرىنى خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلىرىگە ئايان قىلماي تۇرۇپ، ئىش قىلمايدۇ.


ئۇلار ئىلمەك بىلەن تۇتۇپ ئۇنى، سولىدى قەپەسكە، ئېلىپ باردى بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا. ئۇ تۇتقۇن بولغاچ ئۇ يەردە، ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىدا.


بۇ چاغدا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمغا كېلىپ، شەھەرنى قورشىۋالدى.


ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا بابىل توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى:


بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندا، ئۇ، بۇ بۇيۇملارنى بۇ يەردە قالدۇرغانىدى.


مەن يەنە يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى ۋە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى بۇ جايغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى چېقىپ تاشلايمەن!».


يەرەمىيا پەيغەمبەر نىبۇكادنەزەر تەرىپىدىن يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلارغا بىر پارچە خەت ئەۋەتتى. ئۇ خەت ھايات قالغان ئاقساقاللار، روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ۋە بابىلدا سۈرگۈندە تۇرۇۋاتقان باشقا بارلىق كىشىلەرگە يېزىلغانىدى.


يوشىيانىڭ ئوغلى زىدقىيا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تەرىپىدىن يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەندى. زىدقىيا يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يىھوياكىننىڭ ئورنىغا ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىقتى.


نەگېب چۆللۈكىدىكى شەھەرلەر دۈشمەنلەرنىڭ مۇھاسىرىسىدە قېلىپ، دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، ھېچكىم بۇ شەھەرلەرگە كىرەلمەيدۇ. يەھۇدىيە خەلقى ئەسىرگە ئېلىنىپ، ھەممىسى سۈرگۈن قىلىنىدۇ›».


ئاندىن ئۈزۈپ ئالغان بۇ يۇمران شاخنى سودىگەرلەرنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بىر شەھىرىگە تىكىپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite