Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 23:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا يەھۇدىيە تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشىدۇ، ئىسرائىلىيە خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. ئۇنىڭ نامى ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھەققانىيىتىمىزدۇر› دەپ ئاتىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 23:6
50 Referans Kwoze  

سىلەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. خۇدا ئۇنى بىزنىڭ دانالىقىمىزنىڭ مەنبەسى قىلدى. بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. ئۇ بىزنى پاك قىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى.


ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا يەھۇدىيە تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشىدۇ، يېرۇسالېم خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. شۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېمنىڭ نامى ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھەققانىيىتىمىزدۇر› دەپ ئاتىلىدۇ.


خۇدا ئادەملەرنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ. خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەمگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ يەردە ئايرىمىچىلىق يوقتۇر.


خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى.


خەلقىڭ ۋە مۇقەددەس شەھىرىڭنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، گۇناھىنى يۇيۇشى، يامانلىقىنى توختىتىشى، مەڭگۈلۈك ئادالەت ئورنىتىشى، ۋەھىيدىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن يەتمىش كەررە يەتتە مەزگىل بېكىتىلدى.


مەن قاتتىق غەزەپ-نەپرەت ئىچىدە ھەرقايسى ئەللەرگە تارقىتىۋەتكەن كىشىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلارنى بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن ۋە ئۇلارنى بۇ جايدا خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلىمەن.


مەن پەرۋەردىگار دەيمەنكى، ئەي خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، قورقماڭلار، ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئالاقزادە بولماڭلار! چۈنكى مەن سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلارنى يىراقلاردىكى سۈرگۈن قىلىنغان يەرلەردىن چوقۇم قۇتقۇزۇپ كېلىمەن. ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتىپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىسىلەر. سىلەرگە ھېچكىم ۋەھىمە سالمايدۇ.


بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلىدۇ، بىزگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ. ھاكىمىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ نامى ئاجايىپ مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك خۇدا، مەڭگۈلۈك ئاتا، تىنچلىقنىڭ شاھى، دەپ ئاتىلىدۇ.


ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى سىلەرگە شۇنداق بېشارەت بېرىدۇ: ياش قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇ بالىغا «ئىممانۇئېل» دەپ ئىسىم قويىدۇ.


مەن يەھۇدىيە خەلقىنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئىسرائىلىيە خەلقىنى قۇتقۇزىمەن، ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھېچقاچان رەت قىلىنمىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن، ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالىمەن.


ئاشۇ كۈنى ھەربىرىڭلار قېرىنداشلىرىڭلارنى چاقىرىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ۋە ئەنجۈر دەرىخىڭلارنىڭ ئاستىدا خاتىرجەم ئولتۇرىسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


ھايات قالغان ئىسرائىللار يامان ئىشلارنى قىلمايدۇ، يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئالدامچىلىق قىلمايدۇ. ئۇلار يەپ-ئىچىپ خاتىرجەم ياشايدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ.»


ئۇلار غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، سىئون تېغىغا كېلىپ، ئىدوم تاغلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. پادىشاھلىق پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولىدۇ.


لېكىن سىئون تېغى قاچقانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان جايىغا ئايلىنىدۇ، ئۇ بىر مۇقەددەس زېمىن بولىدۇ. ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى قايتىپ كېلىپ، ئۆز زېمىنىغا ئىگە بولىدۇ.


مەن ئۇ كۈن كەلگەندە ھايۋانلار، قۇشلار ۋە ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. ئۇلار ساڭا چېقىلمايدۇ. زېمىندىكى ئوقيا، قىلىچلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۇرۇشلارنى يوقىتىمەن، سەن تىنچ، بىخەتەر ياشايسەن.


لېكىن مەن يەھۇدىيە خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىمەن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن. مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىمەن، ئۇلارنى ئوقيا، قىلىچ، ئۇرۇش، ئات ياكى چەۋەندازلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز قۇدرىتىم بىلەن قۇتۇلدۇرىمەن.


ساڭا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ياسالغان ھەرقانداق قورال غەلىبە قىلالمايدۇ، سەن بىلەن دەۋالاشماقچى بولغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ دەۋاسىنى سەن يوققا چىقىرالايسەن. بۇنداق تەلەي مەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارلىرىغا تەئەللۇقتۇر. مەن ئۇلارغا غەلىبە ئاتا قىلىمەن.» مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


بۇ يولدا شىرلار ۋە قورقۇنچلۇق ھايۋانلار يوق. ئۇلارنى بۇ يەردىن تاپقىلى بولمايدۇ. پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەرلا بو يولدا ماڭالايدۇ.


لېكىن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى قۇتقۇزىدۇ، ئەي ئىسرائىللار، پەرۋەردىگار سىلەرگە مەڭگۈلۈك نىجاتلىق بېرىدۇ. سىلەر ھېچقاچان شەرمەندە بولمايسىلەر، مەڭگۈ نومۇستا قالمايسىلەر.


پەرۋەردىگار بىزنىڭ سوتچىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھۆكۈمرانىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ پادىشاھىمىز، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ.


ئۇ ئەللەر ئارىسىدا سوراق ئېلىپ بارىدۇ، ئەللەر ئارىسىدىكى دەتالاشلارنى ھەل قىلىدۇ. ئۇلار قىلىچلىرىدىن ساپان سوقىدۇ، نەيزىلىرىنى شاخ پۇتايدىغان قايچا قىلىدۇ. ئەللەر بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەنمەيدۇ.


پادىشاھ سۇلايمان زامانىدا داندىن بەئەرشەباغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يەھۇدىيە بىلەن ئىسرائىلىيە خەلقلىرى ئۆزىنىڭ ئۈزۈم باراڭلىرى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرى ئاستىدا خاتىرجەم ياشىدى.


«مەن پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىم ئايان بولسۇن دەپ، سېنى تاللىدىم. مەن قولۇڭنى تۇتۇپ، سېنى قوغدايمەن. مەن سېنى ئىسرائىللارغا ئەھدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىمەن. مەن سېنى بارلىق ئەللەرنى يورۇتىدىغان نۇر قىلىمەن.


چۈنكى مەن سىلەرگە نېمە ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىمنى بىلىمەن. مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سىلەرگە زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئەمەس، بەلكى سىلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسىنى ئاتا قىلىدىغان ئورۇنلاشتۇرۇشۇم بار.


شۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھەققانىي بىر نوتىنى يېتىشتۈرىمەن. ئۇ، زېمىندا ھەققانىي ۋە دۇرۇس ئىشلارنى قىلىدۇ.


ۋەيران بولىدۇ، ۋەيران بولىدۇ، مەن يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىمەن. لېكىن شەھەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچى كەلمىگۈچە، بۇ ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ، بۇ شەھەرنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن.»


ئۇلار ئۇ يەردە بىخەتەر ياشايدۇ، ئۆي سالىدۇ، ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى كەمسىتكەن ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى جازالىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىسرائىللار ئۇ يەردە بىخەتەر ياشايدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»


شۇنىڭ ئۈچۈن ئەي ئادەم بالىسى، سەن گوگقا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئىگەم پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئاشۇ كۈنى كەلگەندە، ئىسرائىل خەلقىمنىڭ خاتىرجەم ھاياتقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ قالىسەن!


شەھەر سېپىلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 9 كىلومېتىر بولسۇن. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى «ياھۋەھ شامماھ» [مەنىسى «پەرۋەردىگار مۇشۇ يەردىدۇر»] دەپ ئاتالسۇن.


ئى ئىگەم، سەن ھەققانىيدۇرسەن. ئەمما بۈگۈن بىزنىڭ ساڭا ئىتائەت قىلماسلىقىمىز سەۋەبىدىن بىز بارلىق ئىسرائىللارنىڭ، يەنى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقانلار ھەمدە سەن تەرەپتىن يېقىن ۋە يىراققا قوغلانغانلارنىڭ يۈزى نومۇستىن قىزارماقتا.


ئۇ چاغدا، ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيە خەلقى بىرلىشىدۇ ۋە ئۆزلىرىگە بىر يېتەكچى تەيىنلەيدۇ. ئۇلار ئۆز يۇرتىدا گۈللىنىدۇ. يىزرىئەلنىڭ زامانى بۈيۈك بىر زامان بولىدۇ.


پەقەت ئىسرائىللار ياشايدىغان گوشەن ۋىلايىتىدىلا مۆلدۈر ياغمىدى.


ئۆتكۈر ئوقلىرىڭ سانجىلار يۈرىكىگە رەقىبلىرىڭنىڭ، دۈشمەنلىرىڭ يىقىلار ئاستىغا ئاياغلىرىڭنىڭ.


قاراڭلار! كەلگۈسىدە بىر پادىشاھ ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىرلىرى ئادالەت بىلەن يۇرت سورايدۇ.


مېنىڭ خەلقىم تىنچ زېمىندا ياشايدۇ، بىخەتەر ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ، تىنچ جايلاردا ئارام ئالىدۇ.


پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر، ئۇ ئەرشتە ياشايدۇ. ئۇ سىئون تېغىنى ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن تولدۇرىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنى سۈرگۈندىن قايتۇرۇپ كەلگەندە، يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ شەھەرلىرىدىكى خەلقلەر قايتىدىن مۇنداق دەيدۇ: ‹ئەي ھەققانىيەت ماكانى، ئەي مۇقەددەس تاغ، پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي›.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite