Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 23:33 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

33 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر بۇ پەيغەمبەرلەر، روھانىيلار ياكى باشقا كىشىلەردىن بىرەرسى سەندىن: «پەرۋەردىگار بىزگە نېمە يۈكلەرنى يۈكلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى؟» دەپ سورىسا، سەن ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار بىر يۈك! شۇڭلاشقا پەرۋەردىگار سىلەردىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دەپ جاۋاب بەرگىن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 23:33
19 Referans Kwoze  

بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مالاكى پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ۋەھىيسىدۇر.


بۇ خاباقۇق پەيغەمبەرگە كەلگەن ۋەھىيدۇر.


بۇ نىنەۋى شەھىرى توغرىسىدىكى ۋەھىي بولۇپ، بۇنى ئەلقوشلۇق ناھۇم خاتىرىلەپ قالدۇرغان.


گەرچە ئۇلار بالا چوڭ قىلسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىمەن، بىرسىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايمەن. مەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!


مەن خەلقىمدىن ۋاز كېچىمەن. «ئۆز خەلقىم» دەپ ئاتىغان خەلقنى تاشلىۋېتىمەن. مەن ئەزىز خەلقىمنى ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.


ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا بابىل توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى:


كىشىلەرنىڭ ماڭا نېمە دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغىن. ئۇلار: ‹قېنى پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە سالغان تەھدىتلىرى؟ نېمە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!› دېيىشىۋاتىدۇ.


پادىشاھ ئاخاز ئۆلگەن يىلى پەرۋەردىگاردىن بۇ ۋەھىي كەلدى:


ئازاريا ئاسا پادىشاھنى كۈتۈۋالغىلى چىقىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئاسا، يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭساڭلار، ئۇ سىلەرگە يار بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭلار، ئۇ سىلەرگە نامايان بولىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىدۇ.


بۇ پەرۋەردىگارنىڭ خادراك زېمىنى ۋە دەمەشق شەھىرىگە قارشى چۈشۈرگەن ۋەھىيسىدۇر. پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ھەم بارلىق ئىسرائىللارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.


شۇڭا پەرۋەردىگار: «ئىسرائىلىيەلىكلەرنى تاشلىۋەتكەندەك، يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ تاشلىۋېتىمەن، ئۆزۈم تاللىغان شەھەر يېرۇسالېمنى ۋە ‹خەلق ماڭا ئىبادەت قىلسۇن› دەپ تاللىغان ئىبادەتخانىنى تەرك ئېتىمەن» دېدى.


ئۇلار سۈپەتسىز كۈمۈشتۇر، شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى رەت قىلدىم.»


ھەمدە سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنى قوغلىغاندەك، سىلەرنىمۇ كۆز ئالدىمدىن قوغلاپ چىقىرىمەن.»


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite