Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 23:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

32 مەن ‹پەرۋەردىگار چۈشۈمدە سۆز قىلدى› دەپ يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈپ، خەلقىمنى ئازدۇرغان ساختا پەيغەمبەرلەرگە قارشى تۇرىمەن. ئۇ ساختا پەيغەمبەرلەرنى مەن ئەۋەتمىدىم. مەن ھېچقاچان ئۇلارنى پەيغەمبەرلىككە تەيىنلىگەن ئەمەس. ئۇلار خەلقىمگە ھېچقانداق ياخشىلىق ئەكېلەلمەيدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 23:32
24 Referans Kwoze  

پەيغەمبەرلىرى تەكەببۇر، ھىيلىگەردۇر. روھانىيلىرى ئىبادەتخانىنى بۇلغاپ، خۇدانىڭ قانۇنىنى دەپسەندە قىلىدۇ.


يالغاندۇر ساختا پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ۋەھىيلىرى. ئۇلار كۆرسىتىپ بەرمىدى گۇناھلىرىڭنى، روناق تاپقان ھالىتىڭگە ئەكەلمىدى سېنى، ئەكسىچە، ساڭا ساختا بېشارەت بەردى.


قاراڭلار! سىلەر سىلەرنى قۇتقۇزالمايدىغان يالغان سۆزلەرگە ئىشىنىسىلەر.


دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلەر كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەر ئىككىلىسى تۇتۇلدى. ساختا پەيغەمبەر شۇ مۆجىزىلەر ئارقىلىق تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ھەمدە دىۋىنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى.


ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار؛ ئۇلار قارىغۇلارغا يول باشلايدىغان قارىغۇلاردۇر. ئەگەر قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلىسە، ھەر ئىككىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.


_ بۇ خەۋەرنى بارلىق سۈرگۈندىكىلەرگە يېزىپ ئەۋەتكىن: «بۇ پەرۋەردىگارنىڭ نىخەلاملىق شىمايا ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىدۇر: ‹شىمايا سىلەرگە ۋەھىي يەتكۈزدى. ئەمما مەن ئۇنى تەيىنلىگەن ئەمەس. ئۇ سىلەرنى يالغانغا ئىشەندۈردى.


مېنىڭ نامىمنى ئاتاپ تۇرۇپ يالغاندىن ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقان بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: ‹مەن بىر چۈش كۆردۈم. مەن بىر چۈش كۆردۈم...› دېيىشىۋاتىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېم خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇلار سىلەرگە يالغان ئۈمىدلەرنى بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار مەن يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى توقۇپ چىقارغان غايىبانە ئالامەتلەرنى سۆزلەۋاتىدۇ.


بالىلار خەلقىمگە زۇلۇم سالىدۇ، ئاياللار ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئاھ خەلقىم، يولباشچىلىرىڭلار سىلەرنى ئازدۇرىدۇ، سىلەر گاڭگىراپ قېلىپ، توغرا يولنى تاپالمايسىلەر.


ئەگەر بىرەر پەيغەمبەر مېنىڭ نامىم بىلەن مەن دېمىگەن سۆزلەرنى قىلسا ياكى باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆزلىسە، ئۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.


بىراق قايتىشىمدا، سىلەرگە يولۇقالمىدىم. بۇ، نىيىتىمنىڭ بىقارار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەرمۇ!؟ ياكى مەن پىلان قىلغاندا، شەخسىي غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن بىر دەم «ھەئە»، بىر دەم «ياق» دەيدىغان ئادەملەردەك بولۇپ قالدىممۇ!؟


لېكىن سىلەر ساختىپەز، داۋاسىز تېۋىپسىلەر.


ئاقساقاللار ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەرلەر باش بولسا، ساختا پەيغەمبەرلەر قۇيرۇقتۇر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سامارىيەدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار بائال ئىلاھىنىڭ نامىدا ۋەھىي يەتكۈزدى ۋە خەلقىم ئىسرائىللارنى ئازدۇردى.


مەن ‹پەرۋەردىگاردىن كەلگەن› دەپ ئۆزلىرى توقۇۋالغان سۆزلەرنى تارقىتىدىغان ساختا پەيغەمبەرلەرگە قارشى تۇرىمەن.


ئەگەر ئىگىمىز بۇيرۇمىغان بولسا ئۇنى، ئەمەلگە ئاشسۇن كىمنىڭمۇ سۆزى؟


بۇتلاردىن مەسلىھەت سوراش بىھۇدىدۇر. پالچىلارنىڭ سالغان پاللىرى يالغاندۇر. ئۇلارنىڭ چۈشلەرگە تەبىر بېرىشلىرى تۇتۇرۇقسىزدۇر. ئۇلار قۇرۇق تەسەللى بېرىشىدۇ. شۇڭا خەلق ئازغان قويلاردەك يۈرۈشىدۇ، پادىچىسىز قېلىپ ئازاب ئىچىدە قىينىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite