Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 23:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

30 شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىر-بىرىدىن ئالغان ئۇچۇرلارنى ‹پەرۋەردىگاردىن كەلگەن› دەپ جاكارلايدىغان بۇنداق پەيغەمبەرلەرگە قارشى تۇرىمەن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 23:30
14 Referans Kwoze  

ئەگەر بىرەر پەيغەمبەر مېنىڭ نامىم بىلەن مەن دېمىگەن سۆزلەرنى قىلسا ياكى باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆزلىسە، ئۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.


شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئەي ساختا پەيغەمبەرلەر، سىلەرنىڭ ساختا غايىبانە ئالامەتلىرىڭلار ۋە يالغان ۋەھىيلىرىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن.


شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹مەن سىلەرنىڭ خۇددى قۇشنى تۇزاققا چۈشۈرمەكچى بولغاندەك ئادەملەرنى تۇزاققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئېسىۋالغان تۇمارىڭلارغا قارشى تۇرىمەن. شۇڭا مەن سىلەرنىڭ بىلىكىڭلارغا تۇمار قىلىپ ئېسىۋالغان تۈگۈنچىكىڭلارنى ئېلىپ تاشلاپ، تۇتۇلغان قۇشلارغا ئوخشاش چاڭگىلىڭلارغا چۈشۈپ قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزىمەن.


يۈز ئۆرەر پەرۋەردىگار رەزىللەردىن، يوق قىلار ناملىرىنى يەر يۈزىدىن.


مەن ئۇلارغا قارشى چىقىمەن. ئۇلار ئوت ئىچىدىن قېچىپ چىقسىمۇ، ئوت يەنىلا ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىدۇ. مېنىڭ ئۇلارغا قارشى چىققىنىمدىن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


چۈنكى، پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلاردىدۇر، قۇلاقلىرى ئۇلارنىڭ دۇئاسىدىدۇر. لېكىن، رەببىمىزنىڭ نەپرىتى يامانلىق قىلغۇچىلاردىدۇر.»


مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى مىسىردا جازالايمەن. سىلەرنىڭ بۇ سۆزۈمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە مۇنداق بېشارەت كۆرسىتىمەن:


شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، سىلەرگە بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى قارار قىلدىم. ھەتتا، بۇ يەردە ياشاۋاتقان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ يوقىتىمەن.


پەرۋەردىگار بۇنداق ئادەمنى كەچۈرمەيدۇ. ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قاتتىق قەھر-غەزىپىنى ياغدۇرىدۇ. بۇ يازمىدا پۈتۈلگەن بارلىق قارغىشلار ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدۇ، ئۇنىڭ نامىنى دۇنيادىن يوقىتىدۇ.


مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەر دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولىسىلەر. سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قورقۇپ جېنىڭلارنى ئېلىپ قاچىسىلەر.


مەنمۇ ئۇنداق ئادەمگە قارشى چىقىپ، ئۇنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. چۈنكى ئۇ پەرزەنتىنى بۇت ئىلاھى مولەككە ئاتاپ، مېنىڭ ئىبادەت جايىمنى ۋە مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدى.


ئەي جىلغا ئارىسىدىكى تاشلىق تۆپىلىكتە ياشاۋاتقان يېرۇسالېم خەلقى، مەن سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىمەن. ‹ھېچكىم بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، مۇداپىئەلىرىمىزنى بۇزۇپ كىرەلمەيدۇ› دەپ مەغرۇرلانغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمەن.


مەن ‹پەرۋەردىگاردىن كەلگەن› دەپ ئۆزلىرى توقۇۋالغان سۆزلەرنى تارقىتىدىغان ساختا پەيغەمبەرلەرگە قارشى تۇرىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite