24 مەن دەيمەنكى، ئەجەبا، ئادەملەر يوشۇرۇنۇۋالسا، مەن كۆرەلمەي قالارمەنمۇ؟ ئاسمان ۋە زېمىندا مەن يوق بىرەر جاي بارمۇ؟
ھەر يەرگە چۈشەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرى، كۈزىتىپ تۇرار ئۇ ياخشى-ياماننى.
نەگىمۇ بارالايمەن مۆكۈپ يۈرۈپ روھىڭدىن، نەگىمۇ كېتەلەيمەن قېچىپ چىقىپ قوينىڭدىن.
ئاشكارا قىلىسەن يامانلىقىمىزنى ئالدىڭدا، پىنھان گۇناھلىرىمىزنى جامالىڭنىڭ نۇرىدا.
ئۆزلىرىنىڭ پىلانىنى پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى قاراڭغۇدا يوشۇرۇنچە قىلىدۇ ۋە ئويلايدۇ: «بىزنى كىم كۆرىدۇ؟ بىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمىزنى كىم بىلىدۇ؟»
ئى خۇدا، سەن راستتىنلا زېمىندا ياشامسەن؟ ساڭا ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلا كىچىكلىك قىلغان يەردە، مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانا كىچىكلىك قىلماسمۇ!؟
ئەڭ ئۇلۇغ، يۈكسەك، مەڭگۈ مەۋجۇت، نامى مۇقەددەس بولغۇچى مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: مەن ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇقەددەس جايدا تۇرىمەن، ۋاھالەنكى، چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان كىچىك پېئىللار بىلەن بىللە بولىمەن، كىچىك پېئىللارنىڭ روھىنى ئويغىتىمەن، توۋا قىلغانلارنىڭ قەلبىنى يېڭىلايمەن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەرش مېنىڭ تەختىم، زېمىن مېنىڭ پۇت قويىدىغان يېرىمدۇر، سىلەر ماڭا قانداق بىر ساراي ياكى ئارام ئالىدىغان بىر جاي ياساپ بېرەلەيسىلەر؟
دەر يامانلار كۆڭۈللىرىدە: «ئۇنتۇپ قالدى خۇدا بىزنى، نەزەر سالمايدۇ ھەرگىز بىزگە، يۇمۇۋالغاندۇر كۆزلىرىنى.»
ئى خۇدا، سەن راستتىنلا ئىنسانلار بىلەن بىرگە زېمىندا ياشامسەن؟ ساڭا ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلا كىچىكلىك قىلغان يەردە، مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانا كىچىكلىك قىلماسمۇ!؟
ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى بولۇپ، بۇ تەن ئۇ تەرىپىدىن تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇقلىغۇچىسىدۇر.
ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلاغا پاتمىغان يەردە، ئۇنىڭغا كىممۇ ئىبادەتخانا سالالىسۇن؟ ئۇنىڭغا ئىبادەتخانا سالالىغۇدەك مەن كىم ئىدىم؟ مېنىڭ نىيىتىم پەقەت ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىسرىق سالغۇدەك بىر يەر ھازىرلاشتۇر، خالاس.
زېمىندىكى پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەستۇر. جەننەتتىكى پەرىشتىلەر ۋە زېمىندىكى ئىنسانلارنى قانداق قىلىشنى خالىسا، ئۇ شۇنداق قىلالايدۇ. ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ. ‹سەن نېمە قىلغانىدىڭ؟› دەپ ئۇنىڭدىن ھېچكىم سورىيالمايدۇ.»
ئۇ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقىنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يەتتى. پۈتۈن زېمىن قانغا بويالدى ۋە يېرۇسالېممۇ ئادالەتسىزلىككە تولدى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار بۇ زېمىندىن ۋاز كەچتى، بىزنى كۆرمەيدۇ» دېيىشىدۇ.
ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ بۇتلىرى بىلەن يوشۇرۇنچە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇلار: «بىزنى پەرۋەردىگار كۆرمەيدۇ، پەرۋەردىگار زېمىنىمىزدىن ئاللىقاچان ۋاز كەچتى» دەپ ئويلايدۇ.
لېكىن مەن ئەساۋ ئەۋلادلىرىدىن ھەممە نەرسىنى ئېلىپ كېتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ يوشۇرۇنغان جايلىرىنى ئېچىپ تاشلايمەن، ئاندىن ئۇلار يوشۇرۇنۇۋالالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە قوشنىلىرى ھالاك بولىدۇ، ھېچكىم ھايات قالمايدۇ!
مەدھىيەلىسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى، چۈنكى بۈيۈكتۇر ھەممىدىن ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى، ئاسمان-زېمىندىن يۈكسەكتۇر ھەم شان-شەرىپى.
ھەجەر ئۆز-ئۆزىگە: «مەن راستتىنلا ماڭا غەمخورلۇق قىلغان خۇدانى كۆردۈم!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرۋەردىگارنى «ئېل-روئا» [مەنىسى «مېنى كۆرگۈچى خۇدا»] دەپ ئاتىدى.
خۇدادىن يوشۇرۇنالايدىغان ھېچقانداق مەۋجۇدات يوقتۇر. بىز ھېساب بېرىدىغان خۇدا ئالدىدا ھەممە نەرسە ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.
خۇدا ئىنسانلارنىڭ يولىنى كۆزىتىپ، پۈتكۈل قەدەملىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.
رەزىللەر يوشۇرۇنغۇدەك قاراڭغۇلۇق ياكى يوشۇرۇن جاي تاپالمايدۇ.
چۈنكى مەن خەلقىم قىلغان بارلىق ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن. ئۇلارنىڭ رەزىل يوللىرى ماڭا يوشۇرۇن ئەمەس، ئۇلار گۇناھلىرىنى مەندىن يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.
ئۇلۇغ پاراسىتىڭ، چەكسىز قۇدرىتىڭ بىلەن ئىش قىلىسەن. سەن ئادەملەرنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىسەن. ھەركىمنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە ۋە قىلغان ئەمەلىيىتىگە قاراپ ياندۇرىسەن.
ئۇ ئاشكارىلايدۇ غايىب ئىشلار ۋە سىرلارنى، ئۇ بىلىدۇ بارچە قاراڭغۇلۇقتىكى ئىشلارنى، چۈنكى ياردۇر يورۇقلۇق ئۇنىڭغا.
ئاسمانغا چىقساممۇ بارسەن ئۇ يەردە، لەھەتكە كىرسەممۇ بارسەن ئۇ يەردە.