Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 23:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 ئۇلار دائىم مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئىنكار قىلغانلارغا: ‹ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ!› دەيدۇ. ئۇلار قەلبلىرىدىكى جاھىل ھەۋەسلىرىگە ئەگەشكەنلەرگە: ‹سىلەر بالا-قازاغا ئۇچرىمايسىلەر!› دەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 23:17
34 Referans Kwoze  

شەھەردىكى يېتەكچىلەر پارا ئېلىپ، ھۆكۈم چىقىرىدۇ. روھانىيلار بەرگەن تەلىمى ئۈچۈن ھەق ئالىدۇ. ساختا پەيغەمبەرلەر پۇل ئۈچۈن پال ئاچىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ: «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا، بېشىمىزغا ئاپەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ.


بۇ رەزىل خەلق مېنىڭ تەلىملىرىمگە بويسۇنۇشنى رەت قىلدى. ئۇلار جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ماڭدى. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇندى ۋە سەجدە قىلدى. شۇڭا ئۇلار بۇ پوتىغا ئوخشاش ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ.


خەلقىم ئارىسىدىكى بارلىق گۇناھكارلار قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ. بۇلار دەل: ‹بىزگە ھېچ ئىش بولمايدۇ، بېشىمىزغا بالا-قازا كەلمەيدۇ› دېگەن ئادەملەردۇر.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي خەلقىمنى ئازدۇرغان ساختا پەيغەمبەرلەر، سىلەر پەقەت قارنىڭلارنى تويدۇرغانلار ئۈچۈن ئامانلىق تىلەيسىلەر، قارنىڭلارنى تويدۇرمىغانلارغا ھۇجۇم قىلىسىلەر.


ئەكسىچە جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ، بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنۇشتى. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكەن.


ئۇلار خەلقىمنىڭ يارىسىغا سەل قاراپ ‹ھەممە ئىش ياخشى! ھەممە ئىش جايىدا!› دەپ، قولىنىڭ ئۇچىدىلا داۋالايدۇ. بىراق ئىشلار ئۇلار دېگەندەك ئەمەس.


بۇ خەلق پەرۋەردىگار توغرىسىدا يالغان سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇ بىزنى ھېچنېمە قىلمايدۇ! بىزگە ھېچقانداق بالايىئاپەت كەلمەيدۇ. ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقمۇ بولمايدۇ.


ئاراڭلاردىن ھېچكىممۇ بۇ ئەھدىگە پۈتۈلگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يەنە پەرۋا قىلماي ئىچىدە: «مەن ئۆزۈم خالىغان يول بىلەن كېتىۋەرسەممۇ، ماڭا ھېچنېمە بولمايدۇ» دەپ ئويلىمىسۇن. ئۇ يامانلارغىمۇ ھەم ياخشىلارغىمۇ كۈلپەت كەلتۈرىدۇ.


بۇتلاردىن مەسلىھەت سوراش بىھۇدىدۇر. پالچىلارنىڭ سالغان پاللىرى يالغاندۇر. ئۇلارنىڭ چۈشلەرگە تەبىر بېرىشلىرى تۇتۇرۇقسىزدۇر. ئۇلار قۇرۇق تەسەللى بېرىشىدۇ. شۇڭا خەلق ئازغان قويلاردەك يۈرۈشىدۇ، پادىچىسىز قېلىپ ئازاب ئىچىدە قىينىلىدۇ.


مەن ئادالەتلىك ئادەملەرنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىنى خالىمايتتىم، لېكىن سىلەر ئۇلارنى يالغانچىلىقىڭلار بىلەن ئۈمىدسىزلەندۈردۈڭلار. رەزىللەرنى يامان يولىدىن يانماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشىغا توسالغۇ بولدۇڭلار.


ساختا پەيغەمبەرلەر خەلقىمنى ئالداپ: ‹سىلەر بىخەتەر› دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھېچبىر بىخەتەرلىك يوقتۇر. بۇ خۇددى ئادەملەرنىڭ ياسىغان ئاجىز تېمىنى ساختا پەيغەمبەرلەر كېلىپ ھاكلاپ قويغاندەك بىر ساختا ئىشتۇر.


شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئادەملەر: _ كېلىڭلار، يەرەمىياغا سۇيىقەست قىلايلى! بىزگە تەلىم بېرىدىغان روھانىيلىرىمىز، مەسلىھەت بېرىدىغان دانالىرىمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزىدىغان پەيغەمبەرلىرىمىز يەنە چىقىدۇ. بىز يەرەمىيانىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلايلى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايلى، _ دېيىشتى.


ئۇلار خەلقىمنىڭ يارىسىغا سەل قاراپ: ‹ھەممە ئىش ياخشى! ھەممە ئىش جايىدا!› دەپ، قولىنىڭ ئۇچىدىلا داۋالايدۇ. بىراق ئىشلار ئۇلار دېگەندەك ئەمەس.


ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار يېرۇسالېمنى ‹پەرۋەردىگارنىڭ تەختى› دەپ ئاتايدۇ. بارلىق ئەللەر يېرۇسالېمغا يىغىلىپ، مېنىڭ نامىمغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئەمدى جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ماڭمايدۇ.


پۈتۈن بىر ئاي، كۆز-قۇلىقىڭلاردىن تېشىپ چىققۇچە، كۆڭلۈڭلارغا تەگكۈچە يەيسىلەر. چۈنكى سىلەر ‹مىسىردىن ئايرىلمىساق بوپتىكەن› دەپ زارلىنىپ، ئاراڭلاردىكى مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار.»


شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ تەلىمنى رەت قىلغان كىشى ئىنساننى ئەمەس، بەلكى سىلەرگە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان خۇدانى رەت قىلغان بولىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە: - كىمدەكىم سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارغا كىرسە، مېنىڭ سۆزۈمگە كىرگەن بولىدۇ. كىمدەكىم سىلەرنى رەت قىلسا، مېنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ. مېنى رەت قىلغانلار مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ، - دېدى.


يالغاندۇر ساختا پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ۋەھىيلىرى. ئۇلار كۆرسىتىپ بەرمىدى گۇناھلىرىڭنى، روناق تاپقان ھالىتىڭگە ئەكەلمىدى سېنى، ئەكسىچە، ساڭا ساختا بېشارەت بەردى.


لېكىن ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلمىدى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى. ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ رەزىل كۆڭۈللىرىدىكى جاھىل ئىستەكلىرىگە ئەگەشتى. ئۇلار ئالدىغا ماڭماي ئارقىغا چېكىنىپ كەتتى.


مەن: _ ئى پەرۋەردىگار خۇدا، سەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى خەلقلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن: «سىلەر ئامان قالىسىلەر!» دەپ ئالدىشىغا يول قويغانىدىڭ. ئەمەلىيەتتە قىلىچ گېلىمىزغا ئاللىقاچان تەڭلىنىپ بولغانىدى! _ دېدىم.


مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەن: رەزىللەر خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيدۇ!»


سەن مېنى كۆزگە ئىلماي، ئۇرىيانىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىۋالغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن قىلىچ ئەۋلادلىرىڭغا دائىم خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.»


شۇڭا پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەنمۇ ئەجدادلىرىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ مەڭگۈ روھانىي بولۇپ، خىزمىتىمدە بولىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانىدىم. بىراق مەن پەرۋەردىگار ھازىر شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەمدى بۇنداق بولمايدۇ. مېنى ھۆرمەتلىگەنلەرنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن، مېنى كەمسىتكەنلەرنى خورلۇققا قالدۇرىمەن.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئوغۇل ئاتىسىنى، چاكار خوجايىنىنى ھۆرمەت قىلار. ئەگەر مەن بىر ئاتا بولسام، قېنى ماڭا بولغان ھۆرمەت؟ ئەگەر مەن بىر خوجايىن بولسام، قېنى ماڭا بولغان ئىتائەتمەنلىك؟ سىلەر روھانىيلار مېنىڭ نامىمنى دەپسەندە قىلدىڭلار، ئەمما سىلەر ‹قانداق دەپسەندە قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر.


ئۇ چاغدا مەن يېرۇسالېمنى چىراغ بىلەن يورۇتۇپ، تەكشۈرۈپ چىقىمەن. گۇناھقا پېتىپ ئولتۇرغان بىپەرۋا گۇناھكارلارنى، يەنى ‹پەرۋەردىگار ياخشىلىقمۇ قىلمايدۇ، يامانلىقمۇ قىلمايدۇ› دېگۈچىلەرنى جازالايمەن.


ئۇلار غايىبنى بىلگۈچىلەرگە: ‹غايىبانە ئالامەتلەرنى سۆزلىمەڭلار!› دەيدۇ. ئۇلار پەيغەمبەرلەرگە: ‹بىزگە توغرا-خاتا توغرىسىدىكى ۋەھىيلەرنى يەتكۈزمەڭلار. بىزگە شېرىن سۆزلەرنى قىلىڭلار، بىزگە خىيالىي، يالغان نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىڭلار.


لېكىن ئۇلار مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ‹سېنىڭ نېمە دېيىشىڭ بىلەن نېمە كارىمىز! بىز نېمە ئىش قىلغۇمىز كەلسە شۇنى قىلىمىز! قىلمىشلىرىمىز ۋە جاھىللىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋېرىمىز!›».


سىلەر بىرقانچە ئوچۇم ئارپا ۋە بىر بۇردا نان ئۈچۈن خەلقىم ئارىسىدا ماڭا كۇپۇرلۇق قىلىسىلەر. يالغان سۆزگە خۇشتارلارغا يالغان سۆزلەيسىلەر. گۇناھسىز ئادەملەرنى نابۇت قىلىسىلەر، ئۆلۈمگە لايىق بولغان ئادەملەرنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالىسىلەر.


ئەگەر بىر يالغانچى ۋە ئالدامچى سىلەرگە: «سىلەردە مەي، شاراب مول بولىدۇ» دېسە، ئۇ سىلەرنىڭ ياخشى پەيغەمبىرىڭلارغا ئايلىنىدۇ.


ھوشيار بولۇڭلار، ئاراڭلاردىكى مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، مەيلى جەمەت ياكى قەبىلە بولسۇن ھېچقايسىسى پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنمىسۇن! ئاراڭلاردا زەھەرلىك ۋە ئاچچىق مېۋىلەرنى بېرىدىغان يىلتىز ئۆسمىسۇن!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite