10 بۇ زېمىن خۇداغا ساداقەتسىز كىشىلەر بىلەن تولدى، ئۇلار ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، رەزىللىك بىلەن ياشىدى. خۇدانىڭ لەنىتىدىن زېمىن ھەسرەتلەندى، ئوتلاقلار قۇرۇپ كەتتى.
مەن مۇنداق دېدىم: «تاغلار ئۈچۈن نالە قىلىپ ياش تۆكىمەن. مەن كەڭ كەتكەن يايلاقلار ئۈچۈن ماتەم تۇتىمەن. ئۇلار ۋەيران بولغانلىقىدىن ھېچكىم ئۇ يەرلەردىن ئۆتمەيدۇ. كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلانمايدۇ. ھەتتا ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان قۇشلار ۋە دالالاردىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ قېچىپ كېتىدۇ.»
ئاھ، خەلقىمدىن ئايرىلىپ، ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتەي. چۆللەرنى ماكان قىلاي. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى زىناخورلاردەك خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلغان خەلقتۇر.
شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە يات ئەللەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن».
شۇڭا يەر يۈزىگە قارغىش ياغىدۇ، كىشىلەر ئۆز گۇناھى ئۈچۈن جازالىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن زېمىندا ياشاۋاتقانلار كۆيدۈرۈلىدۇ، پەقەت ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرلا ئامان قالىدۇ.
ئەي خۇداغا ۋاپاسىزلار! بۇ دۇنيا بىلەن دوستلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟ ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتماقچى بولساڭلار، خۇدانىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىسىلەر.
ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولسۇن. چۈنكى، خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ.
زىناخورلار، ئوخشاش جىنستىكى بۇزۇقلار، قۇل سودىگەرلىرى، يالغانچىلار، قەسەمخورلار ۋە باشقا قىلمىشلار بىلەن توغرا تەلىملەرگە خىلاپلىق قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەندۇر.
ئېتىزدىكى زىرائەتلەر ۋەيران بولدى، يەرلەر ھازا تۇتماقتا. ئاشلىقلار خاراب بولدى، شاراب تۈگىدى، زەيتۇن يېغىمۇ يوق بولدى.
«يەھۇدىيە قايغۇ-ھەسرەت چېكىدۇ، ئۇنىڭ شەھەرلىرى سەكراتقا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ پۇقرالىرى ئازابلىنىپ ياتىدۇ، يېرۇسالېم ياردەم سوراپ نالە قىلىدۇ.
ئوغرىلىق، قاتىللىق، زىناخورلۇق قىلىسىلەر، قەسەم بەرگەندە يالغان سۆزلەيسىلەر، بائالنىڭ بۇتلىرىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىسىلەر، ئۆزۈڭلار بىلمىگەن يات ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر.
_ سوت مەلۈم ۋەقە ھەققىدە گۇۋاھچى ئىزدەپ، ئېلان چىقارسا، لېكىن ۋەقەنى كۆرگۈچى ياكى بىلگۈچى ئۆزىنىڭ كۆرگەن، بىلگەنلىرى ھەققىدە سوتتا گۇۋاھلىق بېرىشنى خالىمىسا، جازايىمغا ئۇچرايدۇ.
يالغانچىلىقنى ئارغامچا قىلىپ گۇناھىنى سۆرەپ يۈرگەنلەرنىڭ، رەزىللىكىنى ھارۋىسى بىلەن ئېلىپ يۈرگەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
مەن مۇنداق دەپ سورىدىم: «كىمنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بۇنداق بالايىئاپەتنى چۈشىنىشكە قادىر؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى ئارقىلىق ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ نېمىشقا بۇ زېمىن خاراب بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ زېمىن ئادەم ئاياغ باسمايدىغان قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ؟»
ئۇلار مېنىڭ كۆز ئالدىمدىلا زېمىنىمنى قاقاس، قۇرغاق چۆللۈككە ئايلاندۇردى. پۈتكۈل زېمىن چۆللىشىپ كەتتى، لېكىن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخور بولۇپ، ئۇلار خۇددى تونۇردىكى يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتقا ئوخشايدۇ. خېمىر يۇغۇرۇلۇپ، ئېچىپ تەييار بولغۇچە، ناۋاينىڭ تونۇرغا يەنە ئوت سېلىشى كېرەك بولمايدۇ.
يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان روھانىيلار جەمەتىنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە: يوزاداقنىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن: مائاسېيا، ئەلىئەزەر، يارىب ۋە گىداليا.
ئۇلارنىڭ ئاددىي كىشىلىرىدىن تارتىپ كاتتا ئەربابلىرىغىچە ھەممىسى ھارام بايلىقنىڭ كويىدا يۈرىدۇ، پەيغەمبەرلەردىن تارتىپ روھانىيلارغىچە ھەممىسى ئالدامچىلىق قىلىدۇ.
پەيغەمبەرلىرى تەكەببۇر، ھىيلىگەردۇر. روھانىيلىرى ئىبادەتخانىنى بۇلغاپ، خۇدانىڭ قانۇنىنى دەپسەندە قىلىدۇ.