Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 22:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 مەن ئۇنى ۋەيران قىلىۋېتىدىغان ئادەملەرنى ئەۋەتىمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پالتىلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ چىرايلىق كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان تۈۋرۈكلىرىنى چېپىپ تاشلايدۇ ۋە ئۇلارنى ئوتقا سالىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 22:7
14 Referans Kwoze  

سەن ئەلچى ئەۋەتىپ مېنى، يەنى پەرۋەردىگارنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن پو ئېتىپ، ‹جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن ئېگىز تاغلارنى، لىۋاننىڭ ئەڭ چېتىدىكى تاغ چوققىلىرىنى بېسىۋالغانمەن، شۇنداقلا، ئەڭ ئېگىز كېدىرلەرنى، ئەڭ ياخشى كىپارىس دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغانمەن. ئەڭ يىراق، ئەڭ ئېگىز تاغلار ۋە ئەڭ چوڭ ئورمانلىقلارغا بارغانمەن،


مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قىلمىشلىرىڭلارغا قاراپ، سىلەرنى تېگىشلىك جازاغا تارتىمەن. ئورمىنىڭلارغا ئوت قويىمەن، بۇ ئوت ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.»


غەزەپكە كەلگەن پادىشاھ لەشكەرلىرىنى چىقىرىپ، ئۇ قاتىللارنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ شەھىرىگە ئوت قويۇۋېتىپتۇ.


ئەي لىۋانلىقلار، قوۋۇقلىرىڭلارنى ئېچىڭلار! يالقۇنلۇق ئوت كېدىر دەرەخلىرىڭلارنى يالماپ يۇتسۇن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاڭلاڭلار، ئىسرائىل خەلقى! مەن سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن بىر خەلقنى يىراقتىن ئېلىپ كېلىمەن. ئۇ تارىخى ئۇزۇن بىر قەدىمىي خەلق. بۇ خەلقنىڭ تىلىنى سىلەر بىلمەيسىلەر. ئۇلار سىلەر چۈشەنمەيدىغان تىللاردا سۆزلەيدۇ.


تۇل ئاياللار دېڭىز بويىدىكى قۇملاردىنمۇ كۆپ بولىدۇ. مەن چىڭقى چۈشتە ھالاك قىلغۇچىنى ئەۋەتىپ، ياشلارنى ھالاك قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ئانىلىرىغا تۇيۇقسىز دەرد-ئەلەم ۋە قورقۇنچ سالىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite