Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 22:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 مەن سېنى سەن قورقىدىغانلارغا، سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. مەن سېنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 22:25
8 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇنىڭدىن كېيىن مەن، پادىشاھ زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە بۇ شەھەردە كېسەل، ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتىن ئامان قالغانلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۇلارنى قىرغىن قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ھېچقانداق ئىچ ئاغرىتىش، ھېسداشلىق ياكى شەپقەت قىلمايدۇ.›»


شۇنىڭ بىلەن زىدقىيا مەخپىي ھالدا قەسەم قىلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ مەڭگۈ ھايات ياراتقۇچىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن ياكى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمەيمەن.


كىشىلەر: ‹نېمىشقا يىھوياكىن دېگەن بۇ ئادەم خۇددى چېقىلىپ تاشلىۋېتىلگەن ئىدىشتەك كۈنگە قالىدۇ؟ ئۇ ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى نېمە ئۈچۈن يات بىر زېمىنغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ؟› دەپ سورايدۇ.


ياماننىڭ قورققىنى ئۇنىڭ بېشىغا چۈشەر، ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشار.


شۇ يىلى ئەتىياز كەلگەندە پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەھۇدىيە پادىشاھىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قىممەتلىك بۇيۇملارنى بىرگە بابىلغا ئەكەتتى. ئاندىن ئۇنىڭ تاغىسى زىدقىيانى يېرۇسالېمدا يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.


مەن ھازىر بارلىق ئەللەرنى خىزمەتكارىم بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ھەتتا بارلىق ھايۋاناتلارنىمۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تاپشۇرىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite