Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 22:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 سىلەر گۈللەنگەن چاغدا مەن سىلەرگە سۆز قىلدىم، لېكىن سىلەر ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار. سىلەر ئەزەلدىن سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار، مانا بۇ سىلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭلاردا قىلغانلىرىڭلار.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 22:21
35 Referans Kwoze  

چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئەزەلدىن نەزىرىمدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ داۋاملىق قىلىۋاتقان بۇ قىلمىشلىرى مېنى بەك غەزەپلەندۈردى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


بىز ئەسلى خىجالەتچىلىكنى كۆرپە، نومۇسنى يوتقان قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن بىزمۇ ئەجدادلىرىمىزغا ئوخشاش ھەمىشە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىپ كەلدۇق. بالىلىق دەۋرىمىزدىن تارتىپ تاكى مۇشۇ كۈنگىچە بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلماي كەلدۇق.›»


سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلمەيسىلەر، ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغان. سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلار ئەزەلدىن ئېچىلىپ باقمىغان. مەن سىلەرنىڭ ئىنتايىن مەككارلىقىڭلارنى بىلىمەن، سىلەر بۇرۇندىن باشلاپلا ماڭا قارشى چىقتىڭلار.


چۈنكى باياشاتلىق ئىچىدە سەندىن تېنىپ، «پەرۋەردىگار كىممۇ؟» دەپ قالماي، ياكى يوقسۇزچىلىقتا ئوغرىلىق قىلىپ، ئى خۇدا، سېنىڭ نامىڭغا داغ كەلتۈرۈپ قويماي.


لېكىن ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ، سۆزۈمنى ئاڭلىمىدى. ھېچكىم ئۆزلىرىنىڭ كۆزلىرىنى سېھىرلىگەن يىرگىنچلىك نەرسىلىرىنى ۋە مىسىرنىڭ بۇتلىرىنىمۇ يوقاتمىدى. ئەسلى مەن ئۇلارغا مىسىردا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقىرىمەن، دەپ نىيەت قىلغانىدىم.


مەن سىلەرگە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم. ئۇلار سىلەرگە: ‹يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، توغرا ئىش قىلىڭلار. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار. شۇندىلا سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ زېمىندا ياشىيالايسىلەر.› دېدى. لېكىن سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار.


پەرۋەردىگار خەلققە مۇنداق دېدى: «سىلەر تۆت كوچىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، شۇڭا يولۇڭلارنى كۆزىتىڭلار. كونا، ئىشەنچلىك يولنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سوراڭلار. قايسى يولنىڭ بەخت-سائادەتكە باشلايدىغانلىقىنى سوراپ، شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار ئارام تاپىدىغان جاينى تاپالايسىلەر. بىراق خەلقىم: ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭمايمىز!› دېدى.


مەن ئۇلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى باشلاپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار ھەربىر ئېگىزلىكنى، ھەربىر بۈك-باراقسان دەرەخنى كۆرگەن ھامان، ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، بۇتلارنى قويۇپ، خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەرنى كۆيدۈرۈپ، شاراب سۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدى.


لېكىن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمگە بويسۇنمىدى. (ئۇلارغا ئەمەل قىلغۇچى ھايات قالىدۇ.) مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى. شۇڭا مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقارماقچى بولدۇم.


لېكىن ئىسرائىل خەلقى چۆللۈكتە ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلار قانۇنلىرىمغا ئەمەل قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمنى رەت قىلدى، (ئۇلارغا ئەمەل قىلغۇچى ھايات قالىدۇ.) مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى. شۇڭا مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى يوقاتماقچى بولدۇم.


ئەي خەلقىم، مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار. مەن سىلەر ئۈچۈن بىر قۇملۇقمۇ؟ مەن سىلەر ئۈچۈن قاراڭغۇ زېمىنمۇ؟ ئۇنداق بولمىسا نېمىشقا سىلەر ماڭا: ‹بىز ئاخىرى سەندىن قۇتۇلدۇق، ئالدىڭغا ئەمدى بارمايمىز!› دەيسىلەر؟


پەرۋەردىگار ماناسسەنى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمىدى.


سىلەرنىڭ ئاسىي ۋە جاھىل ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. سىلەر مەن ھايات ۋاقتىمدا پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگەن تۇرساڭلار، مەن ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىش بولماقچى ئىدى؟


مەن سىلەرنى تونۇغاندىن بېرى، سىلەرمۇ داۋاملىق پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار.


_ خەلقىمىزنىڭ چۆللۈكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ قانداق ئاچچىقىنى كەلتۈرگەنلىكىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ئۇنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. خەلق مىسىردىن چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدى.


«ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا كۆپ قېتىم زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەنىدى ئۇلار.» ئاھ ئىسرائىللار، شۇنداق دەڭلار!


بىز نومۇسسىزلارچە بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىمىزدىن تارتىپ، ئەجدادلىرىمىز ئىشلەپ تاپقان ھەممە نەرسىمىز يوق بولدى، چارۋا ماللىرىمىز ۋە ئوغۇل-قىزلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق.


بۇ رەزىل خەلق مېنىڭ تەلىملىرىمگە بويسۇنۇشنى رەت قىلدى. ئۇلار جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ماڭدى. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇندى ۋە سەجدە قىلدى. شۇڭا ئۇلار بۇ پوتىغا ئوخشاش ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ.


«ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئېيتقىنىمدەك، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ھەممە بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. سىلەر جاھىللىق قىلىپ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى رەت قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن.›»


موئاب بۇرۇندىن تارتىپ بىخەتەر ياشاپ، سۈرگۈن قىلىنىپ باقمىغان. ئۇلار خۇددى ئىدىشتا ساقلانغان ئۈزۈم شارابىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ئىدىشتىن ئىدىشقا يۆتكەلمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ تەمى يەنىلا شۇنداق ئېسىل، پۇراقلىرى ئۆزگەرمىگەن.


بۇنداق سۆزلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئىلگىرىمۇ پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلاپ كەلگەن ئەمەسمىدىم؟ ئەينى چاغدا يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە ئادەملەر ماكانلىشىپ، ئاۋاتلاشقانىدى. نەگېب چۆللۈكى ۋە غەربىي ئېدىرلىقلارغىمۇ ئادەملەر ئولتۇراقلاشقانىدى.»


ئايىغىڭلار يىرتىلىپ، گېلىڭلار قۇرۇپ كەتكۈچە يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار. ئەمما سىلەر: ‹ئارقىمىزغا قايتمايمىز، بىز يات ئىلاھلارنى ياخشى كۆرىمىز، ئۇلارغا ئەگىشىمىز!› دەيسىلەر.


_ پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كېلىۋاتقىلى 23 يىل بولدى. ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيانىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 13-يىلدىن باشلاپ تاكى بۈگۈنگىچە پەرۋەردىگار ئۆز ۋەھىيسىنى ماڭا ئايان قىلىپ كەلمەكتە. مەن سىلەرگە بۇ ۋەھىيلەرنى قايتا-قايتا يەتكۈزۈپ كەلدىم. لېكىن سىلەر ئۇلارغا قۇلاق سالمىدىڭلار.


پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتىپ كەلدى. لېكىن سىلەر كۆڭۈل قويۇپ، ئاڭلىمىدىڭلار.


لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر سۆزۈمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار. ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغان بۇتلار ئارقىلىق غەزىپىمنى قوزغىدىڭلار. شۇ سەۋەبتىن ئۆز بېشىڭلارغا ئۆزۈڭلار بالا-قازا ئېلىپ كەلدىڭلار.


سىلەر سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى،


ئۇ ھېچكىمگە بويسۇنمىدى. ھېچكىمنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلمىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا تايانمىدى، خۇداغا يېقىنلاشمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite