Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 22:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 ئەي يېرۇسالېم خەلقى، لىۋان تاغلىرىغا بېرىپ يىغلاڭلار، باشان رايونىدا ۋارقىراپ، موئابتىكى ئابارىم تاغلىرىدا ھۆركىرەپ يىغلاڭلار. چۈنكى سىلەر تايانغان بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭلار يېڭىلىپ قالدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 22:20
22 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئابارىم تېغىغا چىقىپ، مەن ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زېمىنغا نەزەر سالغىن.


شۇڭا ئەي ئوھولىبا، ئىگىمىز پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «سەن بىزار بولۇپ، يۈز ئۆرۈگەن ئاشنىلىرىڭنى ھەممە تەرەپتىن ساڭا ھۇجۇم قىلدۇرىمەن.


يىغلايدۇ ئۇ كېچىلىرى، مەڭزىلىرى تولار ياشقا، ئاشنىلىرىدىن ھېچكىم بەرمەس تەسەللى ئۇنىڭغا، دوستلىرىمۇ يۈز ئۆرۈپ، دۈشمەن بولدى ئۇنىڭغا.


شۇڭا مەن ئۇنى ئۇ ئىشقىۋازلىق قىلىشقان ئاسسۇرلۇق ئاشنىلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنىدىم.


ياردەم سورىدىم ئاشنىلىرىمدىن، لېكىن ئۇلار ئالدىدى مېنى. روھانىي ۋە ئاقساقاللىرىم ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھاياتىنى، نان ئىزدەپ يۈرۈپ، بەردى شەھەردە جېنىنى.


مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.


يېتەكچىلىرىڭلارنى شامال ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، ئىتتىپاقداشلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ. سىلەر قىلغان بارلىق رەزىل ئىشلىرىڭلار ئۈچۈن، چوقۇم خورلۇق ۋە ئىزا-ئاھانەتكە قالىسىلەر.


ئەي يېرۇسالېم، سەن ھالاكەتكە يۈزلەندىڭ! نېمە ئۈچۈن شۇنچە روشەن، قىپقىزىل كىيىنىۋالىسەن؟ نېمە ئۈچۈن ئالتۇن زىبۇ-زىننەت تاقاپ، كۆزلىرىڭنى بويىۋالىسەن؟ سەن بىكاردىن-بىكار ياسىنىۋاتىسەن! سېنى سۆيگەن ئىتتىپاقداشلىرىڭ ئەمدى سېنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلار سېنىڭ جېنىڭغا قەست قىلماقچى.


ياردەم سوراش ئۈچۈن يېڭى ئىتتىپاقداشلارنى ئىزدەشكە، نېمىدېگەن تېز سىلەر-ھە؟ بىراق سىلەرنىڭ مىسىردىكى يېڭى دوستۇڭلار خۇددى ئاسسۇرلاردەك سىلەرنى نائۈمىد قويىدۇ.


بۇ چاغدا پىرئەۋن ئۆز زېمىنىدىن سىرتقا يۈرۈش قىلىشقا چىقالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى، چۈنكى بابىل پادىشاھى مىسىرنىڭ ئىلگىرىكى بارلىق زېمىنلىرىنى، يەنى فىرات دەرياسىدىن تاكى مىسىرنىڭ شىمالىي چېگراسىغىچە بولغان زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى.


_ ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، يەنى موئابنىڭ ئابارىم تاغلىرىدىكى نىبو تېغىغا چىققىن. ئۇ يەردىن مەن ئىسرائىللارغا مۈلۈك قىلىپ بەرمەكچى بولغان كەنئان زېمىنىغا نەزەر سالغىن.


ياردەم سوراپ پەرياد قىلغىنىڭلاردا، ئاشۇ بۇتلىرىڭلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن! شاماللار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سۈپۈرۈپ كېتىدۇ، بىر نەپەستىلا ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. لېكىن ماڭا تايانغانلار چوقۇم زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، مۇقەددەس تېغىمغا ۋارىسلىق قىلىدۇ».


ئايىغىڭلار يىرتىلىپ، گېلىڭلار قۇرۇپ كەتكۈچە يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار. ئەمما سىلەر: ‹ئارقىمىزغا قايتمايمىز، بىز يات ئىلاھلارنى ياخشى كۆرىمىز، ئۇلارغا ئەگىشىمىز!› دەيسىلەر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر ئادەم ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئۇ ئايال ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، باشقا بىرىگە خوتۇن بولۇپ كەتسە، ئالدىنقى ئېرى ئۇ ئايالنى قايتا نىكاھىغا ئالسا بولامدۇ؟! بۇنداق بىمەنىچىلىك پۈتۈن يۇرتنى بۇلغىمامدۇ؟! شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەر ئىسرائىللار خۇددى پاھىشىلەردەك پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى نۇرغۇن بۇت ئىلاھلارغا ئاتىۋەتتىڭلار. سىلەر قايسى يۈزۈڭلار بىلەن ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارالايمىز› دەپ ئويلايسىلەر؟


پالىقىڭ باشاننىڭ دۇپ دەرەخلىرىدىن ياسالغانىدى. پوللىرىڭ سىپرۇس قارىغايلىرىدىن ياسىلىپ، پىل چىشىدىن نەقىش قىلىنغانىدى.


سىلەر مىسىرلىقلاردىن ئىزا تارتقان ۋە ئازابلانغان ھالدا قوللىرىڭلار بىلەن يۈزۈڭلارنى توسۇپ ئايرىلىسىلەر. مەن پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئىشىنىپ كەلگەنلەرنى رەت قىلىمەن. سىلەر ئۇلاردىن ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite