Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 22:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار يوشىيا پادىشاھنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر ‹ئىسىت، قېرىندىشىم! ۋاي جانجىگىرىم!› دېيىشىپ، ياش تۆكمەيدۇ. خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن: ‹ئىسىت، خوجايىنىمىز ئۆلۈپ كەتتىغۇ! ئىسىت، ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى يوقالدىغۇ!› دەپ يىغلىمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 22:18
17 Referans Kwoze  

بۇ زېمىندىكى بايلارمۇ كەمبەغەللەرمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدۇ. ئۇلار دەپنە قىلىنمايدۇ ياكى ئۇلارغا ماتەم تۇتالمايدۇ. كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن بەدەنلىرىنى تىلىپ ياكى چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ، قايغۇ-ھەسىرەتلىرىنى ئىپادىلىمەيدۇ.


ئۇ ئۇنىڭ جەسىتىنى ئۆزىنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلدى. ئۇ ئوغۇللىرى بىلەن بىرلىكتە: «ۋاي قېرىندىشىم!» دەپ، ھازا ئاچتى.


«ئۆلتۈرۈلگەن پادىشاھ يوشىيا ئۈچۈن يىغا-زار قىلىپ قايغۇرماڭلار. لېكىن پادىشاھنىڭ سۈرگۈن قىلىنغان ئوغلى ئۈچۈن يىغلاپ قايغۇرۇڭلار. چۈنكى ئۇ ئەمدى ئۆز زېمىنىنى قايتا كۆرەلمەيدۇ.»


ئۇلار ئەجەللىك كېسەللەر بىلەن ئۆلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرغۇدەك ئادەم قالمايدۇ، ئۇلار دەپنە قىلىنمايدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى خۇددى ئېتىزغا چېچىلغان گەندىدەك ھەممە يەردە چېچىلىپ ياتىدۇ. ئۇلار ئۇرۇشتا ياكى ئاچارچىلىقتا ئۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ.


تىنچ-ئامان ئالەمدىن ئۆتىسەن، ئەجدادلىرىڭنى، يەنى سەندىن ئىلگىرىكى پادىشاھلارنى كىشىلەر دەپنە قىلىپ، ئىسرىق سالغاندەك، كىشىلەر سېنىمۇ دەپنە قىلىپ ئىسرىق سالىدۇ. ماتەم تۇتۇپ: ‹ۋاي! پادىشاھىمىز!› دېيىشىدۇ. بۇ سۆزلەرنى ئېيتقۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.»


يەرەمىيا پەيغەمبەر پادىشاھ يوشىياغا ئاتاپ مەرسىيە ئوقۇدى. شۇنىڭدىن بېرى پادىشاھ يوشىيانى خاتىرىلەپ مەرسىيە ئوقۇش ئىسرائىللارنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ، بارلىق ئەر-ئايال ناخشىچىلار ئۇنى خاتىرىلەپ، مەرسىيە ئوقۇپ كەلمەكتە. بۇ مەرسىيەلەر «مەرسىيەلەر توپلىمى»دا خاتىرىلەنگەندۇر.


ئەي بۇرادىرىم يوناتان، مەن ساڭا ماتەم تۇتاي! سەن ماڭا تولىمۇ قەدىردان ئىدىڭ، ئاجايىپ ئىدى سېنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ، ئارتۇق ئىدى ھەتتا ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىدىنمۇ.


پادىشاھ يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ئېلىپ چىققۇزۇپ، يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرگۈزدى. ئاندىن كۆيمەي قالغان قالدۇقلىرىنى پارچىلاپ، ئاددىي پۇقرالارنىڭ قەبرىستانلىقىغا چاچقۇزدى.


يىھوياقىم تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى زىبۇدا بولۇپ، رۇماھ شەھىرىدىكى پىدايانىڭ قىزى ئىدى.


يىھوياقىم ۋاپات بولۇپ، ئوغلى يىھوياكىن تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.


يىھوياقىم تەختكە چىققان چاغدا 25 ياشتا ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.


چۈنكى ئۇ تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلىپ، ئاشۇ يەردە ئۆلىدۇ ۋە بۇ زېمىننى قايتا كۆرەلمەيدۇ.»


يوشىيانىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يوخانان، ئىككىنچى ئوغلى يىھوياقىم، ئۈچىنچى ئوغلى زىدقىيا ۋە تۆتىنچى ئوغلى شاللۇم.


پەرۋەردىگار مەن يەرەمىياغا، يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ جەمەتىگە بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزۈشۈمنى ئېيتتى: «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار!


شۇڭا مەن پەرۋەردىگار يەھۇدىيە پادىشاھى بولغان سەن يىھوياقىم توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن: سېنىڭ داۋۇتنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ھېچقانداق ئەۋلادىڭ بولمايدۇ. سېنىڭ جەسىتىڭ دالاغا تاشلىنىپ، كۈندۈزى ئاپتاپتا، كېچىدە سوغۇقتا قالىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite