Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 22:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 ئەي يىھوياقىم، كېدىر ياغىچىنى كۆپ ئىشلەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭنى بىر ئۇلۇغ پادىشاھ دەپ ئويلامسەن؟ ئاتاڭنىڭمۇ يېمەك-ئىچمىكى مول ئىدى. لېكىن ئۇ ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلغان، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغان.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 22:15
33 Referans Kwoze  

يوشىيا چىن قەلبى، پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا رىئايە قىلىپ، پەرۋەردىگارغا يۈزلەندى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچقانداق بىر پادىشاھ ئۇنىڭدەك قىلىپ باقمىغان ئىدى ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭدەك بىرەر پادىشاھ چىقمىدى.


ھەققانىيلارغا ئېيتقىن، ئۇلار ياخشىلىق تاپىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىش-ھەرىكىتىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ.


دۆلەتنىڭ پادىشاھى دانا، ئېسىلزادە بولۇپ، ۋەزىرلىرى كەيپ ئۈچۈن ئەمەس، قۇۋۋەت ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا غىزالىنىدىغان بولسا، دۆلەت گۈللەپ ياشنايدۇ.


ئاۋۋال پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن قوغلىۋەت يامان مەسلىھەتچىلەرنى، ئاندىن ھەققانىيەت بىلەن مۇستەھكەم بولار ئۇنىڭ تەختى.


پادىشاھ مۇستەھكەم قىلار ئادالەت بىلەن يۇرتنى، پارىخور بولسا زاۋال تاپقۇزار ئۇنى.


يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇ ھەر ئىشتا ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىنى تۇتتى، چەتنەپ كەتمىدى.


بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ساڭا ئېيتقىنى بويىچە ئىش كۆرىمىز. بىز سىزنى خۇدادىن شۇنى سوراشقا ئەۋەتىمىزكى، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى ياخشى كۆرەيلى ياكى كۆرمەيلى، ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە بويسۇنىمىز، _ دېدى.


ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان خان جەمەتى، پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيدۇكى، ھەر كۈنى ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىڭلار. بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلارنى زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار. ئۇنداق بولمايدىكەن، قىلغان رەزىل ئىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن غەزىپىم خۇددى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك سىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم بۇنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.


ئادەمنىڭ ھەققانىي ۋە ئادىل ئىش قىلىشى، قۇربانلىق قىلغىنىدىنمۇ بەكرەك خۇرسەن قىلار پەرۋەردىگارنى.


پەرۋەردىگارلىرى خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! پەرۋەردىگار ئۆزلىرىدىن سۆيۈنۈپ، سىلىنى ئىسرائىلىيە تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپتۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك بولغاچقا، ئۇ سىلىنى ئادىل ۋە ھەققانىي ھۆكۈم چىقارسۇن دەپ، پادىشاھ قىلىپ تىكلەپتۇ.


داۋۇت ئەمدى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ خەلقنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن باشقۇردى.


مۇھىمى، نېمە يەپ، نېمە ئىچىشىڭلار، قانداقلا ئىش قىلىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر، ئۇنى پەقەت خۇدانىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار.


ھەر كۈنى، مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، ئىبادەت قىلىشاتتى. ئۆيلىرىدىمۇ خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن بىر-بىرىنى مېھمان قىلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى.


شۇڭا، كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزۈڭلار ئاچكۆزلۈك بىلەن بېسىپ ياتقان تەئەللۇقاتلىرىڭلارنى ئېھتىياجلىق بولغانلارغا بېرىڭلار. شۇ چاغدىلا، ئىچىڭلار ھەم تېشىڭلار پاك بولىدۇ.


مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، شۇنداق بىر كۈن چوقۇم كېلىدۇ، شۇ كۈنى مەن داۋۇت ئەۋلادىدىن بولغان بىر ‹ھەققانىيلىق نوتىسى›نى تىكلەيمەن. ئۇ خەلقىمنى دانالىق بىلەن باشقۇرىدۇ، بۇ زېمىندا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش يۈرگۈزىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار يوشىيا پادىشاھنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر ‹ئىسىت، قېرىندىشىم! ۋاي جانجىگىرىم!› دېيىشىپ، ياش تۆكمەيدۇ. خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن: ‹ئىسىت، خوجايىنىمىز ئۆلۈپ كەتتىغۇ! ئىسىت، ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى يوقالدىغۇ!› دەپ يىغلىمايدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلىڭلار. بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلارنى زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار. يات خەلقلەرگە، يېتىملەرگە، تۇل ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلماڭلار، بوزەك قىلماڭلار. بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكمەڭلار.


مانا مۇشۇنداق كىشىلەر بىخەتەر جايدا ياشايدۇ، قورام تاشتىن ياسالغان مۇستەھكەم ئۆيلەردە تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ غىزاسى ۋە ئىچىدىغان سۈيى كەم بولمايدۇ.


ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە تىنچلىقى چەكسىز ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەڭگۈگە داۋاملىشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!


ئادەم ئۈچۈن يەپ-ئىچىش ۋە جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن راھەتلىنىشتىن ئارتۇق خۇشاللىق يوقتۇر. بىلدىمكى، بۇمۇ خۇدانىڭ قولى بىلەن بولىدىكەن.


سۈكۈت قىلما، ئادىل ھۆكۈم قىلغىن، يوقسۇل ۋە موھتاجلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغىن.


سادىقلىق ۋە ئىشەنچ پادىشاھنى قوغدار، ئۇنىڭ تەختى سادىقلىق بىلەن مۇستەھكەم بولار.


يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇ ھەر ئىشتا ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىنى تۇتتى، چەتنەپ كەتمىدى.


يوشىيانىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يوخانان، ئىككىنچى ئوغلى يىھوياقىم، ئۈچىنچى ئوغلى زىدقىيا ۋە تۆتىنچى ئوغلى شاللۇم.


مەن بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە يەتكۈزىمەن، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندا ئۇزۇن ياشىيالايسىلەر.


ئەگەر سىلەر ھەقىقەتەن يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، مېنىڭ يولۇمغا قايتساڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلساڭلار،


لېكىن يوشىيا خۇدانىڭ نىكو ئارقىلىق دېگەن سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىدى. ئۇ لەشكەرلىرىنى چېكىندۈرمەستىن، ئەكسىچە، قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، مىگىددو تۈزلەڭلىكىدە نىكو بىلەن جەڭ قىلدى.


پادىشاھ يوشىيانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى قانداق ساداقەت بىلەن ئىجرا قىلغانلىقى


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite