Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 22:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 چۈنكى ئۇ تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلىپ، ئاشۇ يەردە ئۆلىدۇ ۋە بۇ زېمىننى قايتا كۆرەلمەيدۇ.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 22:12
6 Referans Kwoze  

شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار يوشىيا پادىشاھنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر ‹ئىسىت، قېرىندىشىم! ۋاي جانجىگىرىم!› دېيىشىپ، ياش تۆكمەيدۇ. خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن: ‹ئىسىت، خوجايىنىمىز ئۆلۈپ كەتتىغۇ! ئىسىت، ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى يوقالدىغۇ!› دەپ يىغلىمايدۇ.


سىلەر يات ئەللەردە ئۆلىسىلەر، ئۆلۈكۈڭلار دۈشمىنىڭلارنىڭ زېمىنىدا قالىدۇ.


ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان زاماندا مىسىر پىرئەۋنى نىكو ئاسسۇر پادىشاھىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن فىرات دەرياسىنىڭ بويىغا كەلدى. پادىشاھ يوشىيا لەشكەر چىقىرىپ ئالدىنى توسماقچى بولدى. ئۇلار مىگىددودا ئۇچراشتى، پىرئەۋن نىكو يوشىيانى ئۆلتۈردى.


سىلەر قايتىپ كېلىشكە تەشنا بولغان بۇ زېمىنغا مەڭگۈ قايتىپ كېلەلمەيسىلەر!


چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مىسىرغا كەتسەڭلار، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى يېرۇسالېمدىكى كىشىلەرگە ياغدۇرغاندەك، سىلەرگىمۇ ياغدۇرىمەن. سىلەر كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، ئۇلار قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىسىلەر. سىلەر ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىسىلەر، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايسىلەر ۋە ئۆز زېمىنىڭلارنى ھەرگىز قايتا كۆرەلمەيسىلەر.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite