Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 20:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئەگەردە، مەن ‹سېنى تىلىمغا ئالمايمەن، سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆزلىمەيمەن› دېسەم، سېنىڭ سۆزلىرىڭ يۈرىكىمدە ئوتتەك كۆيىدۇ، سۆزلىرىڭ سۆڭەكلىرىمدىكى بىر ئوتقا ئوخشايدۇ. مەن ئۇلارنى سىر ساقلاشقا تىرىشسام چارچاپ كېتىمەن، ئۇنى سۆزلەشكە مەجبۇر بولىمەن.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 20:9
21 Referans Kwoze  

زەرداب بولۇپ قاينىدى باغرىم، ئويلىغانچە كۆيدى يۈرىكىم. ئاخىر بولماي مۇنداق دېدىم:


ئەمما بىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز! - دەپ جاۋاب بەردى.


روھ مېنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى. ئىچىم سىقىلىپ، ئاچچىقلاندىم. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى مېنى قاماللىۋالغانىدى.


پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدە سىلاس بىلەن تىموتىينى كۈتۈپ تۇرغاندا، شەھەرنىڭ ھەممە يېرىنى بۇت قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن بىئارام بولدى.


ئەي پەرۋەردىگار، مەن ساڭا ئوخشاشلا غەزەپكە تولدۇم، ھەقىقەتەن چىدىيالمىدىم.» پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «غەزىپىڭنى كوچىدا ئويناۋاتقان بالىلارغا ۋە توپلاشقان ياشلارغا چاچ. غەزىپىڭنى ئەرلەر ۋە ئاياللار، شۇنىڭدەك ياشانغانلارغىمۇ چاچ.


- قوش ھەيدەۋېتىپ، توختىماي كەينىگە قارايدىغان ئادەمدەك، بۇرۇنقى ھاياتىڭلاردىن مېھرىڭلارنى ئۈزەلمىسەڭلار، خۇداغا خىزمەت قىلىشقا لايىق بولمايسىلەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.


سىلاس بىلەن تىموتىي ماكېدونىيىدىن كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس بارلىق ۋاقتىنى خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە سەرپ قىلىپ، يەھۇدىيلارغا ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى.


مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «بۇ بىر ئازاب! مەن بۇ ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەيمەن! ۋاي يۈرىكىم! يۈرىكىم قاتتىق سوقۇۋاتىدۇ! مەن سۆزلىمەي تۇرالمايمەن. مەن دۈشمەننىڭ بۇرغا ۋە جەڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاۋاتىمەن.


ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ يامانلىقىدىن كۆڭلۈم بىئارام بولدى، پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ كەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قارشى ئېيتقان مۇقەددەس سۆزلىرىدىن مەن خۇددى شارابنى كۆپ ئىچىۋالغان مەستتەك گاڭگىراپ قالدىم.


مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سۆزلىرىم ئوتقا ئوخشاش كۆيدۈرىدۇ ھەم تاشلارنى پارچە-پارچە قىلىۋېتىدىغان بازغاندەك زەربە بېرىدۇ.


ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، مەن ساڭا بەرگەن بۇ يازمىنى يە، ئۇنىڭ بىلەن قورسىقىڭنى تويدۇر، _ دېدى. مەن يازمىنى يېدىم، يازما ھەسەلدەك تاتلىق تېتىدى.


ئەنە، شىر ھۆركىرەۋاتىدۇ! كىم قورقماي تۇرالايدۇ؟ ئەنە، ئىگىمىز پەرۋەردىگار سۆزلەۋاتىدۇ! كىم ئۇنىڭ ۋەھىيلىرىنى جاكارلاشنى رەت قىلالايدۇ؟


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ سەن دەرھال بۈيۈك شەھەر نىنەۋىگە بېرىپ، شەھەردىكىلەرگە ھۆكۈمۈمنى جاكارلا، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ نەقەدەر رەزىل ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.


لېكىن يۇنۇس ئۆزىنى پەرۋەردىگاردىن قاچۇرۇش ئۈچۈن تارشىشقا قاراپ، يول ئالدى. ئۇ جاففا شەھىرىگە بېرىپ، تارشىشقا بارىدىغان بىر كېمىنى تاپتى. ئۇ: «ئۇ يەرگە قېچىپ بارسام، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق بولىمەن» دەپ ئويلىدى. ئۇ كېمىنىڭ يول ھەققىنى تۆلەپ، كېمىگە چىقىپ، كېمىچىلەر بىلەن بىرگە تارشىشقا قاراپ، يولغا ئالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite