Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 20:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئەتىسى روھانىي پاشكۇر يەرەمىيانى تاقاقتىن بوشاتقاندا، يەرەمىيا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار ساڭا «پاشكۇر» ئەمەس، «ھەممە يەرلەردە ۋەھىمە باسىدۇ» دەپ ئىسىم قويىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 20:3
18 Referans Kwoze  

مەن ماڭا قارشى سۇيىقەست قىلماقچى بولغانلارنىڭ نۇرغۇنلىغان كۇسۇرلاشلىرىنى ئاڭلىدىم. ھەممە يەردە مېنى ۋەھىمە باسىدۇ! ئۇلار: ‹كېلىڭلار، ئۇنى ئەيىبلەيلى، بىز ئۇنى ئەيىبلەيلى!› دېيىشىدۇ. بارلىق يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىم خاتالىق ئۆتكۈزۈشۈمنى كۈتىدۇ، ئۇلار ‹بەلكىم ئۇ ئالدام خالتىمىزغا چۈشەر، ئاندىن بىز ئۇنى يېڭىپ، ئىنتىقام ئالىمىز› دەپ كۇسۇرلىشىدۇ.


خۇددى بايرام ئۈچۈن مېھمان تەكلىپ قىلغاندەك، دۈشمەن يىغىپ ئەتراپىمغا، ھۇجۇم قىلدۇردۇڭ بىزگە. سەن غەزەپلەنگەن كۈنى ھېچكىم قۇتۇلالمىدى ھەم ھېچكىم ئۆز جېنىنى ساقلاپ قالالمىدى. دۈشمەن قىرىپ تاشلىدى مەن تۇغۇپ، باققان بالىلارنى.»


لېكىن مەن نېمىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن؟ مىسىرنىڭ قوشۇنلىرى ۋەھىمىگە چۈشۈپ، لەشكەرلەر قېچىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلار مەغلۇپ بولۇپ، ئارقىغا قارىماستىن تېز قاچماقتا. ھەممە يەر قورقۇنچلۇق!


ئاڭلىدىم ماڭا قىلغان تۆھمەتلەرنى، ۋەھىمە ئوراپ تۇرار ئەتراپىمنى. مەسلىھەتلىشەر ماڭا قارشى ئۇلار، پىلان تۈزەر ئالماق بولۇپ جېنىمنى.


ئېتىزغا بارماڭلار، يوللاردا يۈرمەڭلار! چۈنكى ئۇ يەرلەردە قىلىچ تۇتقان دۈشمەنلەر بار، ھەممە يەرنى ۋەھىمە باسقان.»


كېيىن مەن ئايالىم بىلەن بىر ئورۇندا ياتتىم. ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئۇنىڭغا «تېز بۇلاش، تېز تالان-تاراج قىلىش» دەپ ئىسىم قويغىن.


كېيىن، ئۇلارنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: - قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ - دەپ سورىدى.


روھانىي زىفانىيا يېرۇسالېمدا بۇ خەتنى يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئوقۇپ بەردى.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، كىشىلەرنىڭ بۇ جاينى ئەمدى توفەت ياكى بەنھىننوم جىلغىسى دەپ ئاتىمايدىغان ۋاقىت كېلەي دەپ قالدى. ئەمدى ئۇلار بۇ جىلغىنى قىرغىنچىلىق جىلغىسى دەپ ئاتايدۇ!


«ساپال پارچىلىرى دەرۋازىسى»دىن چىقىپ، بەنھىننوم جىلغىسىغا بارغىن. شۇ يەردە ساڭا ئېيتقان سۆزلىرىمنى جاكارلايسەن:


شۇڭا ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇ يەر ئۇزۇنغا قالماي توفەت ياكى بەنھىننوم جىلغىسى دەپ ئاتالمايدۇ، بەلكى ‹قىرغىنچىلىق جىلغىسى› دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ يەردە جەسەتلەرنى كۆمگۈدەك يەرمۇ قالمايدۇ.


ھېلىقى كىشى يەنە: _ بۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىڭ ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل [مەنىسى «خۇدا بىلەن چېلىشتى»] بولسۇن. چۈنكى سەن خۇدا بىلەنمۇ ھەم ئىنسانلار بىلەنمۇ چېلىشىپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن كەلدىڭ، _ دېدى.


خۇدا ئىبراھىمغا يەنە مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ ئايالىڭ ساراھنىڭ ئىسمى ھازىردىن باشلاپ سارە [مەنىسى «مەلىكە»] بولسۇن.


ھازىردىن باشلاپ سېنىڭ ئىسمىڭ ئىبرام ئەمەس، ئىبراھىم [مەنىسى «نۇرغۇن ئەۋلادلارنىڭ ئاتىسى»] بولسۇن. چۈنكى مەن سېنى نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئاتىسى قىلىمەن.


ئەي ئىسرائىللار، مەن ئاشۇ ساختا غايىبانە ئالامەت توقۇيدىغانلار ۋە يالغان ۋەھىي يەتكۈزىدىغانلارغا قارشى چىقىمەن. ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن، ئىسرائىللارنىڭ تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن. ئۇلارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا قايتىشىغا يول قويمايمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite