Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 20:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 لېكىن پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىك جەڭچىگە ئوخشاش ماڭا يار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلار يىقىلىپ چۈشىدۇ. ئۇلار مېنى يېڭەلمەيدۇ، ئۇلار مەغلۇپ بولۇپ پۈتۈنلەي نومۇسقا قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىزا-ئاھانەتكە قالغانلىقى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 20:11
25 Referans Kwoze  

ئۇلار ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ، بىراق ئۇلار سېنى يېڭەلمەيدۇ. مەن ساڭا يار بولىمەن، سېنى قۇتقۇزىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


ئادەملەردىن قورقما. مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن ۋە سېنى قوغدايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! _ دېدى.


مەن سېنى بۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا مۇستەھكەم تۇچ تامغا ئوخشاش قىلىمەن. ئۇلار سەن بىلەن جېدەللىشىدۇ، ئەمما يېڭەلمەيدۇ. چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللە تۇرۇپ، سېنى قوغدايمەن ۋە قۇتقۇزىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


مېنى ئەمەس، بەلكى ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى نومۇستا قالدۇرغىن. مېنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ۋەھىمىگە قالدۇرغىن. ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى بىر ھەسسە ئارتۇق جازا بىلەن ۋەيران قىلغىن!»


قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە. ئەنسىرىمەڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار. مەن سىلەرنى كۈچلەندۈرىمەن ۋە سىلەرگە ياردەم بېرىمەن. مەن ھەققانىي، قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى يۆلەيمەن› دېدىم.


قالار ھەممە دۈشمەنلىرىم نومۇس ۋە ۋەھىمىدە، تۇيۇقسىزلا چېكىنەر، بولۇپ شەرمەندە.


جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار، شەرمەندە بولسۇن يۈزى تۆكۈلۈپ. جاپايىمدىن خۇشال بولغانلار، چېكىنسۇن رەسۋا بولۇپ.


كۈلپىتىمدىن خۇشال بولغانلار، غەپلەت بېسىپ شەرمەندە بولغاي. مەندىن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقانلار، رەسۋا بولۇپ نومۇستا قالغاي.


ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟


مەن سىلەرنى مەڭگۈلۈك ئۇياتقا ۋە مەڭگۈ ئۇنتۇلۇپ كېتەلمەيدىغان شەرمەندىچىلىككە قويىمەن.»


لېكىن، خۇدا مەن بىلەن بىللە بولۇپ، ماڭا خۇش خەۋەرنى تولۇق جاكارلاشقا مەدەت بەردى. نەتىجىدە، ئۇ يەردىكى ھەممە يەھۇدىي ئەمەسلەر بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا مېنى بۇ قېتىمقى سوتتىن، يەنى يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى.


بۇت ياسىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى شەرمەندە بولىدۇ ۋە نومۇس قىلىدۇ، ئۇلار خورلۇقتا قالىدۇ.


كۆرۈڭلار خۇدانىڭ بۈيۈك قۇدرىتىنى، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى.


قارا يەر باغرىدا ياتقانلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ. بەزىلىرى نومۇستا قېلىپ، مەڭگۈلۈك شەرمەندە بولىدۇ.


ئۇلۇغ غەلىبەڭ بىلەن جاۋاب بېرىسەن بىزگە، ئى قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا. ئۈمىدىسەن بارچە ئىنساننىڭ، تاكى چېتىدىكىلەرگىچە زېمىننىڭ.


چۈنكى بۈيۈك پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىكتۇر، ئۇ جاھانغا ھۆكۈمدار ئۇلۇغ پادىشاھتۇر.


ئەي ئىسرائىللار! سىلەر: ‹بىز كىچىك قۇرتتەك تۇرساق› دەپ ئويلىغان بولساڭلارمۇ، قورقماڭلار! سىلەرگە ئۆزۈم ياردەم قىلىمەن. مەن قوغدىغۇچىڭلار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن.


«ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا كۆپ قېتىم زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۇلار، بىراق غەلىبە قىلالمىدى ئۈستۈمدىن زىنھار.»


مەن مۇنداق دېدىم: _ ئى پەرۋەردىگار، ماڭا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىسەن، مېنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويمىغايسەن ۋە ماڭا ياردەم قىلغايسەن. ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلاردىن قىساس ئالغايسەن. ئۇلارغا سەۋر-تاقەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىگە ۋاقىت بەرمىگەيسەن! ئېسىڭدە بولسۇنكى، مېنىڭ بۇنداق ئازابلارنى تارتىشىم سەن ئۈچۈندۇر.


يېتەكچىلىرىڭلارنى شامال ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، ئىتتىپاقداشلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ. سىلەر قىلغان بارلىق رەزىل ئىشلىرىڭلار ئۈچۈن، چوقۇم خورلۇق ۋە ئىزا-ئاھانەتكە قالىسىلەر.


سەن مىليونلىغان ئىنسانلارغا چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىڭ. بىراق سەن يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى جازالايسەن. سەن بولساڭ، كۈچ-قۇدرەتلىك ئۇلۇغ خۇداسەن. سېنىڭ نامىڭ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر.


قارا، بۈگۈن مەن سېنى خۇددى مۇستەھكەم شەھەردەك، تۆمۈر تۈۋرۈكتەك ۋە تۇچتىن سوقۇلغان سېپىلدەك كۈچلۈك قىلدىم. سەن پۈتۈن يەھۇدىيەگە، يەنى ئۇنىڭ پادىشاھلىرى، ئەمەلدارلىرى، روھانىيلىرى ۋە خەلقىگە قارشى تۇرىسەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite