Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 20:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئىممېرنىڭ ئوغلى روھانىي پاشكۇر، پەرۋەردىگار ئىبادەتخانىسىنىڭ ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ يەرەمىيانىڭ نېمە ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانىدى.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 20:1
11 Referans Kwoze  

ئون بەشىنچى چەك بىلگاھقا، ئون ئالتىنچى چەك ئىممېرغا،


ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان باش روھانىي سىرايانى، مۇئاۋىن روھانىي زىفانىيانى، ئۈچ نەپەر دەرۋازىغا قارايدىغان روھانىينى،


مەركىزىي ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە ئالىي روھانىيلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، گاڭگىراپ قېلىشتى. «ئەمدى بۇ ئىش قانداق بولار» دەپ، ئۆز-ئۆزىدىن سوراشقا باشلىدى.


پېترۇس بىلەن يۇھاننا خالايىققا گەپ قىلىۋاتقاندا، بىرنەچچە مويسىپىت روھانىيلار، مەركىزىي ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكى بىرنەچچەيلەن كېلىپ قالدى.


ئەمەلدارلارمۇ جامائەتكە، روھانىيلارغا، لاۋىيلارغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەدىيە بەردى. خىلقىيا، زىكىرىيا، يىخىئېل قاتارلىق ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇل روھانىيلىرى باشقا روھانىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن 2600 تۇياق پاقلان ۋە ئوغلاق، شۇنداقلا ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن 300 تۇياق كالا ھەدىيە قىلدى.


خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ باش نازارەتچىسى ئازاريا. ئازاريا خىلقىيانىڭ ئوغلى، خىلقىيا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق مىرايوتنىڭ ئوغلى، مىرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى.


ئەي پاشكۇر، ساڭا كەلسەك، سەن ئائىلەڭ بىلەن بىرلىكتە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىسەن. سەن ئۇ يەردە ئۆلۈپ، دەپنە قىلىنىسەن. سەن يەتكۈزگەن يالغان ۋەھىيلەرگە ئىشەنگەن بارلىق دوستلىرىڭمۇ ئوخشاش ھالغا چۈشىدۇ.»


‹ئەي زىفانىيا، پەرۋەردىگار سېنى يىھويادانىڭ ئورنىغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا روھانىيلىققا تەيىنلىدى. سەن ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى بولۇپ، ھەرقانداق بىر ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان ئەقلىدىن ئازغانلارنىڭ بوينىغا تاقاق ۋە پۇتلىرىغا كىشەن سېلىشقا مەسئۇل بولدۇڭ.


ئەمەلدارلار يەرەمىياغا قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇلار ئۇنى ئۇرۇپ، زىندان ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان پۈتۈكچى يوناتاننىڭ ئۆيىگە قاماپ قويدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite