Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 2:37 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

37 سىلەر مىسىرلىقلاردىن ئىزا تارتقان ۋە ئازابلانغان ھالدا قوللىرىڭلار بىلەن يۈزۈڭلارنى توسۇپ ئايرىلىسىلەر. مەن پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئىشىنىپ كەلگەنلەرنى رەت قىلىمەن. سىلەر ئۇلاردىن ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر.»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 2:37
16 Referans Kwoze  

تامار بېشىغا كۈل چېچىپ، ئۈستىدىكى ئۇزۇن يەڭلىك لىباسىنى يىرتىۋەتتى. ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى ئېتىۋېلىپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ ماڭدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىشەنچىنى پەقەت ئىنسانلارغا ئاتىغان، ئادەمنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايانغان، قەلبىدە پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگەنلەر لەنەتكە قالسۇن!


زىدقىيا بابىلغا يالاپ ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇ يەردە تاكى مەن ئۇنى جازالاپ بولغۇچە تۇرىدۇ. سىلەر بابىللىقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلساڭلارمۇ، يېڭەلمەيسىلەر.›»


ياردەم سوراش ئۈچۈن يېڭى ئىتتىپاقداشلارنى ئىزدەشكە، نېمىدېگەن تېز سىلەر-ھە؟ بىراق سىلەرنىڭ مىسىردىكى يېڭى دوستۇڭلار خۇددى ئاسسۇرلاردەك سىلەرنى نائۈمىد قويىدۇ.


ئۇ چاغدا سىلەرنىڭمۇ باشقا ئەسىرلەرگە ئوخشاش تىز پۈكۈشتىن باشقا ئامالىڭلار يوق، ياكى ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرگە ئوخشاش ئۆلىسىلەر. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.


خۇدا بىزگە ياردۇر، ئۇ بىزنى باشلايدۇ. ئۇنىڭ روھانىيلىرى سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ كانىيىنى چېلىپ، چاقىرىق قىلىدۇ. ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن قارشىلاشماڭلار، سىلەر غەلىبە قىلالمايسىلەر.


لېكىن مۇسا ئۇلارغا: _ سىلەر نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ ئەمدى سىلەر ھېچ نېمىگە ئېرىشەلمەيسىلەر.


بايلار خىزمەتكارلىرىنى سۇغا ئەۋەتىدۇ. ئۇلار قۇدۇقلارغا بارىدۇ، ئەمما سۇ تاپالماي، ئىدىشلىرى قۇرۇق ھالدا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ، ئازابلىنىپ، باشلىرىنى چاڭگاللىشدۇ.


زېمىندا يامغۇر ياغمىغانلىقتىن، يەرلەر يېرىلىدۇ. دېھقانلار ئۈمىدسىزلىنىپ، باشلىرىنى چاڭگاللىشدۇ.


مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹بۇ ئادەمنىڭ پەرزەنتلىرى يوق، دەپ رويخەتكە ئېلىڭلار! ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئىشلىرى ھەرگىز ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ.›»


داۋۇت: _ بۈگۈنمۇ مۇشۇ يەردە قال. مەن سېنى ئەتە ئۇرۇش مەيدانىغا يولغا سېلىپ قوياي، _ دېدى. ئۇرىيا شۇ كۈنى يېرۇسالېمدا قالدى.


سىلەرنىڭ ئۆلۈم بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىڭلار بىتچىت بولىدۇ. سىلەرنىڭ گۆر بىلەن تۈزگەن توختىمىڭلار بىكار بولىدۇ. دەھشەتلىك بالايىئاپەت كەلگەندە، سىلەر يەر بىلەن يەكسان بولىسىلەر.


ئەي يېرۇسالېم خەلقى، لىۋان تاغلىرىغا بېرىپ يىغلاڭلار، باشان رايونىدا ۋارقىراپ، موئابتىكى ئابارىم تاغلىرىدا ھۆركىرەپ يىغلاڭلار. چۈنكى سىلەر تايانغان بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭلار يېڭىلىپ قالدى.


بىھۇدە كۈتىۋېرىپ، تالدى كۆزىمىز، دەرۋەقە، بىزگە ياردەم بېرەلمەيدىغان بىر ئەلگە ئۈمىد باغلىغان ئىكەنمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite