Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 2:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئىسرائىل خەلقى ماڭا ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار خۇددى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلۇمغا ئوخشايتتى. ئۇلارنى يۇتۇۋالماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى جازاغا تارتىلىپ، بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىدى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›»

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 2:3
32 Referans Kwoze  

ئۇلار خۇددى زىنا قىلىپ باقمىغان كىشىلەردەك پاك بولۇپ، قوزا نەگە بارسا، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىدۇ. ئۇلار ئىنسانلار ئارىسىدىن بەدەل بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار بولۇپ، خۇددى دەسلەپ پىشقان مېۋە خۇداغا ئاتالغىنىدەك، ئۇلار خۇداغا ۋە قوزىغا ئاتالغانلاردۇر.


خۇدا ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتتىن ئىبارەت بولغان سۆزى ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن، خۇددى دەسلەپكى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى خۇداغا ئاتالغىنىدەك، بىز ئېتىقادچىلار پۈتكۈل ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خۇداغا ئاتالدۇق.


سىلەرگە غەزەپلەنگەنلەر چوقۇم شەرمەندە بولۇپ، نومۇس قىلىدۇ. سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولۇپ، يوقىلىدۇ.


ئەگەر دەسلەپكى ھوسۇلدىن پىشۇرۇلۇپ خۇداغا سۇنۇلغان نان مۇقەددەس بولسا، ئۇ ناندىن قالغان خېمىرمۇ مۇقەددەستۇر. شۇنىڭدەك، ئەگەر بىر دەرەخنىڭ يىلتىزى مۇقەددەس بولسا، شاخلىرىمۇ مۇقەددەستۇر.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئايان بولۇشى ئۈچۈن سىلەرنى تالان-تاراج قىلغان ئەللەرگە قارشى مېنى ئەۋەتتى. سىلەرگە چېقىلغانلىق خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز قارىچۇقىغا چېقىلغانلىقتۇر.


ئۇلار بىلەن ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى: ‹بىز ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ گۇناھ قىلمىدۇق. ئۇلار پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھەقىقىي يايلىقىدۇر، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىغانىدى.› دەيدۇ.


لېكىن، سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ تاللىغانلىرى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روھانىيلىرى، خۇداغا ئاتالغان خەلق، شۇنداقلا خۇداغا مەنسۇپ بولغانلارسىلەر. سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ پارلاق يورۇقلۇقىغا چاقىرغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى تاللىدى.


خۇدا ئۆزىنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ پاك ۋە ئەيىبسىز بولۇشىمىز ئۈچۈن، دۇنيانى يارىتىشتىن بۇرۇنلا، بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلىنىشىمىز ئارقىلىق تاللىدى. خۇدا بىزنى سۆيگەچكە، بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە پەرزەنت بولۇشىمىزنى ئۆز خۇش رايى بويىچە ئالدىنئالا بەلگىلىدى. بۇ، ئۇنىڭ ئىرادىسىدۇر.


مەن پەرۋەردىگار، خەلقىمگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا ھۇجۇم قىلغان رەزىل قوشنا ئەللەر توغرىسىدا مۇنداق دەيمەنكى، مەن بۇ ئەللەرنى ئۆزلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىمەن، شۇنداقلا ئۇ يەرلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن يەھۇدىيە خەلقىنى ئازاد قىلىمەن.


سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتالغان خەلقدۇرسىلەر. ئۇ سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدىن تاللاپ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك خەلقى قىلدى.


سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئالاھىدە ئاتالغان خەلقسىلەر. پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئارىسىدىن سىلەرنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك خەلقى قىلدى.


ئسرائىللار ماڭا تۇنجى ھوسۇلدىن ئېلىپ ھەدىيە قىلغان ئەڭ ياخشى، يېڭى زەيتۇن يېغىنى، شارابلىرىنى ۋە ئاشلىقلىرىنى ساڭا تەقدىم قىلدىم.


ئۇلارنىڭ ئۆيىدە جەم بولىدىغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگىمۇ سالام ئېيتقايسىلەر. ئاسىيا ئۆلكىسىدە بىرىنچى بولۇپ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان سۆيۈملۈك ئېپەنىتكە سالام ئېيتقايسىلەر.


مېنىڭ راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقان ھاكاۋۇر ئەللەرگە قاتتىق غەزىپىم بار. چۈنكى مەن خەلقىمگە ئازراققىنە غەزەپلىنىپ قويسام، ئۇ ئەللەر خەلقىمگە ھەددىدىن زىيادە كۆپ كۈلپەتلەرنى كەلتۈردى.


بۇ ئىشلارنى پەرزەنتلىرىڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار، پەرزەنتلىرىڭلار ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە سۆزلەپ بەرسۇن. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە سۆزلەپ بەرسۇن.


لېكىن سىلەرنى ۋەيران قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولىدۇ. بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ. سىلەرنى تالان-تاراج قىلغانلارنىڭ ئۆزىمۇ تالان-تاراج قىلىنىدۇ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ.


مەن خەلقىمدىن غەزەپلەندىم. مەن ئۇلارنى تاشلىۋېتىپ، سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم، لېكىن سەن ئۇلارغا رەھىمدىللىك قىلمىدىڭ، ھەتتا قېرىلارنىمۇ ئاياپ قويمىدىڭ.


ئۇ سىلەرنى مەدھىيە، شۆھرەت ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ، ئۆزى ياراتقان بارلىق خەلقلەردىن ئۈستۈن قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى بەرگەن ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى ئۆزىگە ئاتالغان مۇقەددەس بىر خەلق قىلىدۇ.


تۇنجى پىشقان زىرائەتلىرىڭلارنى ئورىغاندا، ئورما ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. كۈزدە ھوسۇلۇڭلارنى يىغقىنىڭلاردا، ھوسۇل يىغىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.


باش ھوسۇلۇڭلاردىن ماڭا قىلىدىغان بۇغداي، شاراب، ياغ ھەدىيەلىرىڭلارنى ئايىماڭلار. تۇنجى ئوغلۇڭلارنى ماڭا ئاتاڭلار.


يېرۇسالېمدا راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! تۆپىلىككە جايلاشقان سامارىيە شەھىرىدە خاتىرجەملىكتە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئەڭ مۇھىم ئەلنىڭ كاتتا ئادەملىرى دەپ ئويلايسىلەر، ئىسرائىلىيە خەلقى سىلەردىن ياردەم سوراپ، ئالدىڭلارغا كېلىدۇ.


ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، ئەي ئىسرائىل خەلقىدىن بولغان بارلىق جەمەتلەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار.


ئۇلار خۇددى شىددەتلىك بوراندەك تېز كېلىدۇ ۋە تېز كېتىدۇ، بۇ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ «ئىلاھى» ئۆزلىرىنىڭ كۈچلىرىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite