Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 2:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 سىلەر قۇملۇقتىكى ياۋايى مادا ئېشەكلەرگە ئوخشايسىلەر. ھەۋىسىڭلار قوزغالغاندا پۇراشقا باشلايسىلەر، ھېچكىم سىلەرنى توسۇپ قالالمايدۇ. ھاڭگا ئېشەكلەرنىڭ سىلەرنى ئىزدىشىنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى مادا ئېشەكلەر ھاڭگا ئېشەكلەرگە ئەگىشىپ كېلىدۇ!

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 2:24
8 Referans Kwoze  

تاقىر تاغلىقلاردا ياۋا ئېشەكلەر ئۇسساپ كەتكەن چىلبۆرىلەردەك ھاسىرايدۇ. ئۇلار ئوت-چۆپ ئىزدەيدۇ، لېكىن ھېچنېمە تاپالمايدۇ، ھالسىزلىقتىن كۆزلىرى خىرەلىشىدۇ.»


ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ، مېنى ئىزدىمىگۈچە، ئۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرىمەن. ئۇلار ئازاب تارتقان كۈنلىرىدە مېنى چىن قەلبىدىن ئىزدەيدۇ».


سىلەر ياغاچ بۇتلارغا: ‹سەن مېنىڭ ئاتام› دەيسىلەر، سىلەر تاش بۇتلارغا: ‹سەن ماڭا ھاياتلىق بەرگەن› دەيسىلەر. ماڭا ئېتىقاد قىلىشنىڭ ئورنىغا، مەندىن يۈز ئۆرۈيسىلەر. لېكىن قىيىنچىلىققا يولۇققان ۋاقتىڭلاردا ‹كېلىپ، بىزنى قۇتقۇزغىن!› دەپ، ماڭا يېلىنىسىلەر.


ياۋايى ئېشەك ئادەم تۇغسا، نادان داناغا ئايلىنىدۇ.


ئۇلار خۇددى ئىگىسىز ياۋايى ئېشەكتەك، ئاسسۇرغا بېرىپ، ئۇلاردىن ياردەم تىلىدى. ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆزلىرىنى ئاشنىلىرىغا ساتتى.


ئۇلارنىڭ قانچە ۋاقىت قورساق كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ ئۇلارنىڭ قاچان تۇغىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟


پاھىشىلەر پاھىشىلىك قىلسا، ھەق ئالىدۇ، لېكىن سەن ئەكسىچە ھەممە ئاشنىلىرىڭغا سوۋغات بېرىسەن. سەن ئاشنىلىرىڭنىڭ ھەممە يەردىن كېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىشى ئۈچۈن پارا بېرىسەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite