Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 2:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 سىلەر: ‹بىز ئۆزىمىزنى بۇلغىمىدۇق! بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنمىدۇق!› دېدىڭلار. ئەمما قانداقمۇ شۇنداق دېيەلەيسىلەر؟ بەنھىننوم جىلغىسىدا ئۆتكۈزگەن قىلمىشىڭلارغا قاراڭلار! ئۆزۈڭلار ئۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ئېغىر گۇناھلىرىڭلار ئۈستىدە ئويلىنىڭلار! سىلەر خۇددى چىشى تۆگە كۈيلەش مەزگىلىدە جۈپ ئىزدىگەندەك، بۇتلارنى ئىزدەپ يۈرىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 2:23
24 Referans Kwoze  

ئۇلار بەنھىننوم جىلغىسىنىڭ توفەت دېگەن يېرىگە سەجدىگاھلارنى سېلىپ، ئۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈردى! مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق قۇربانلىق قىلىشىنى ئەمر قىلمىغانىدىم. ھەتتا ئۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.


شۇنداقلارمۇ باركى، ئۆزلىرىنى پاك چاغلايدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مەينەتچىلىكى تازىلانمىغان.


مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئايەتلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغان يەھۇدىيلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداق بولغاندا، يەھۇدىيلار ھەم يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ باھانە كۆرسىتىدىغان ئېغىزلىرى تۇۋاقلىنىدۇ ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلار خۇدانىڭ ھۆكۈمى ئاستىدا تۇرىدۇ.


ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ سوئال سورىشىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسادىن چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىپ: - مېنىڭ سۆيۈشكە تېگىشلىك قوشنىلىرىم كىملەر؟ - دەپ سورىدى.


مېنىڭ ساداقەتسىز قىزىم، قاچانغىچە سەرگەردان بولۇپ يۈرىسەن؟ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار دۇنيادا يېڭى بىر ئىش قىلىمەن: خۇددى ئايالى ئېرىنى قوغدىغىنىدەك غەلىتە بىر ئىش يۈز بېرىدۇ.»


ئەكسىچە جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ، بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنۇشتى. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكەن.


ئەتراپىڭلاردىكى تاقىر تاغلارغا قاراپ بېقىڭلار، ئۇ يەرلەردە بۇتلارغا چوقۇنۇپ، پاھىشىۋازلىق قىلمىغان جاي قالدىمۇ؟ سىلەر يول بويىدا خېرىدار كۈتۈۋاتقان پاھىشىلەرگە ئوخشاش ئولتۇرىسىلەر. سىلەر خۇددى چۆلدە ئولجا كۈتۈپ، يوشۇرۇنۇپ تۇرغان قاراقچىلارغا ئوخشايسىلەر. سىلەرنىڭ يات ئىلاھلار بىلەن قىلغان پاھىشىۋازلىقىڭلار بۇ زېمىننى بۇلغىدى.


مۇنداقكى زىناخور خوتۇننىڭ تۇتقان يولى: ئوغرىلىقچە يەپ بولۇپ سۈرتەر ئۇ ئاغزىنى، دەر: «قىلمىدىم مەن ھېچقانداق يامانلىقنى».


روناق تاپالماس ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان، رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ قول ئۈزگەن.


سۈكۈت قىلدىم قىلغىنىڭدا بۇ ئىشلارنى، ئۆزۈڭگە ئوخشاش، دەپ ئويلىدىڭ شۇڭا مېنى. بىراق، مەن ئەيىبلەيمەن چوقۇم سېنى، ئالدىڭغا قويىمەن قىلمىشلىرىڭنى.


ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتار ئۇلار مەغرۇرلۇقتا، تونۇماس گۇناھلىرىنى ھەتتا، نەپرەتلەنمەس ئۇلاردىن ئەسلا.


يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن بۇ ۋاقىت بەخت-سائادەتكە ئېرىشكەن، شاد-خۇراملىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ۋاقىت بولدى.


ياردەم سوراش ئۈچۈن يېڭى ئىتتىپاقداشلارنى ئىزدەشكە، نېمىدېگەن تېز سىلەر-ھە؟ بىراق سىلەرنىڭ مىسىردىكى يېڭى دوستۇڭلار خۇددى ئاسسۇرلاردەك سىلەرنى نائۈمىد قويىدۇ.


پەرۋەردىگار بۇ خەلق توغرىسىدا ماڭا مۇنداق دېدى: «ئۇلار مەندىن يىراقلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى باشقۇرالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇلارنى ئەمدى ئۆز خەلقىم دەپ قوبۇل قىلمايمەن. ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، گۇناھلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى جازالايمەن.»


سەن كىشىلەرگە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەرگىنىڭدە، ئۇلار سەندىن سورايدۇ: «نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار بىزنى بۇ بالايىئاپەتلەر بىلەن ئاگاھلاندۇرىدۇ؟ بىز نېمىنى خاتا قىلدۇق؟ بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا قارشى قانداق گۇناھ ئۆتكۈزدۇق؟»


پەرۋەردىگاردىن ھوشىياغا تۇنجى قېتىم ۋەھىي كەلگەن چاغدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن بىر پاھىشەنى خوتۇنلۇققا ئالغىن. ئۇ ساڭا باشقا ئەرلەردىن پەرزەنتلەر تۇغۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ زېمىندىكى كىشىلەرمۇ مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ساداقەتسىزلىك قىلماقتا» دېگەنىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite