22 سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ھەتتا سىلەر ئۆزۈڭلارنى شاخار ۋە ئەڭ كۈچلۈك سوپۇنلار بىلەن يۇساڭلارمۇ پاكىزلانمايسىلەر، مەن يەنىلا رەزىللىكىڭلارنىڭ داغلىرىنى كۆرۈۋالالايمەن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئى يەھۇدىيە خەلقى، گۇناھلىرىڭلار تۆمۈر قەلەم بىلەن تاش يۈرىكىڭلارغا، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭلارنىڭ بۇرجەكلىرىگە ئويۇپ يېزىلغاندۇر.
سەۋەنلىكلىرىمنى پېچەتلەپ، گۇناھلىرىمنى يوشۇراتتىڭ.
ئىسرائىلىيەنىڭ گۇناھلىرى خاتىرىلەنگەندۇر، ئۇلار ساقلىنىدۇ.
چۈنكى مەن خەلقىم قىلغان بارلىق ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن. ئۇلارنىڭ رەزىل يوللىرى ماڭا يوشۇرۇن ئەمەس، ئۇلار گۇناھلىرىنى مەندىن يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.
ئەگەر خۇدا پۈتۈپ قويساڭ پۈتۈكۈڭگە بىزنىڭ قىلغان گۇناھ ۋە قىلمىشىمىزنى، قۇتقۇزالار جازايىڭدىن كىم ئۆزىنى؟
پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار پەخىرلىنىدىغان پەرۋەردىگار مۇنداق قەسەم ئىچتى: «مەن ئۇلار قىلغان ھەرقانداق قىلمىشلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن.
ئاشكارا قىلىسەن يامانلىقىمىزنى ئالدىڭدا، پىنھان گۇناھلىرىمىزنى جامالىڭنىڭ نۇرىدا.
مەن ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىگە نېمە قىلماقچى بولغانلىقىمنى دىلىمدا ساقلايمەن. ۋاقتى كەلگەندە مەن ئۇلارنى جازالايمەن.
ئەي يېرۇسالېم خەلقى، قەلبىڭلاردىكى رەزىللىكلەرنى يۇيۇۋېتىڭلار، شۇندىلا ئامان قالىسىلەر. يامان نىيەتلىرىڭلارنى يەنە قاچانغىچە قەلبىڭلاردا ساقلايسىلەر؟
داۋۇت: _ بۈگۈنمۇ مۇشۇ يەردە قال. مەن سېنى ئەتە ئۇرۇش مەيدانىغا يولغا سېلىپ قوياي، _ دېدى. ئۇرىيا شۇ كۈنى يېرۇسالېمدا قالدى.
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹قانغا بويالغان يېرۇسالېمنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇ شەھەر داتلاشقان قازاندۇر، ئۇنىڭ داتلىرىنى يوقاتقىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ قازاننى بوشات ۋە قولۇڭغا نېمە چىقسا، شۇنى ئال.