Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەرەمىيا 2:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ئۆزۈڭلارنىڭ رەزىللىكىڭلار بېشىڭلارغا چىقىدۇ. ساداقەتسىزلىكىڭلار ئۆزۈڭلارغا جازا ئەكېلىدۇ. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، مەندىن قورقماسلىقىڭلارنىڭ سىلەرگە قانچىلىك زور بالايىئاپەت ئەكېلىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىڭلار. بۇ مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

Gade chapit la Kopi




يەرەمىيا 2:19
40 Referans Kwoze  

يۈزلىرىدىكى ئىپادىلەر ئۇلارنىڭ ئۆز رەزىللىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ، خۇددى رەزىل سودوملۇقلاردەك ئۆز گۇناھلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز گۇناھلىرىدىن نومۇس قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار ئۆز بېشىغا ئۆزى ئىش تاپتى.


ئەي خەلقىم، تۇتقان يولۇڭلار ۋە قىلغان قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن بۇ ئاپەت بېشىڭلارغا چۈشىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ جازايىڭلار، بۇ ئېچىنىشلىق ئىش. ئۇ سىلەرنىڭ يۈرىكىڭلارغا سانجىلىدۇ.»


مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى توغرا يولدا يېتەكلىگەن بولساممۇ، سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، بۇ ئاپەتلەرنى ئۆز بېشىڭلارغا تاپتىڭلار.


بىر چۈشەنچە ئايان بولدى قەلبىمگە، رەزىللەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكى ھەققىدە. خۇدادىن قورقۇش يوقتۇر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە.


ئىسرائىلىيەنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھ بولىدۇ، يەنى ئەفرايىم گۇناھلىرىغا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ، يەھۇدىيەمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يىقىلىدۇ.


بايراملىرىڭلارنى ماتەمگە، خۇشال ناخشاڭلارنى يىغا-زارغا ئايلاندۇرىمەن. ھەممىڭلار ماتەملىك كىيىملەرنى كىيىپ، چېچىڭلارنى چۈشۈرىسىلەر. سىلەرنى يالغۇز ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمدەك ئازابقا قويىمەن. پۈتۈن كۈن شەك-شۈبھىسىزكى، قايغۇلۇق بىر كۈن بولىدۇ.»


خەلقىم دائىم مەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ. گەرچە ئۇلار مېنى ئۇلۇغ خۇدا دەپ چاقىرسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى يۇقىرىغا كۆتۈرمەيمەن.


شۇڭا دۈشمەنلىرى ئۇلارنى خۇددى ئورمانلىقتىكى شىرلار ئولجىنى تىتقاندەك تىتىپ تاشلايدۇ. دۈشمەنلىرى ئۇلارنى قۇملۇقلاردىن كەلگەن بۆرىلەردەك يەۋېتىدۇ. دۈشمەنلىرى خۇددى يىلپىزلاردەك شەھەر سىرتىدا ساقلاپ يېتىپ، كىم سىرتقا چىقىشقا پېتىنسا شۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يېتىپ، ئاسىيلىقلىرى تېخىمۇ كۈچەيدى.


«بىلمەيدۇ خۇدادىن ھەم قورقۇشنى.»


ئەجدادلىرىڭلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى خالىمىدى. ئۇلار جاھىللىق قىلدى، مەندىن يۈز ئۆرۈپ، قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالدى.


ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! گۇناھىڭلار سىلەرنى يىقىتتى.


نېمىشقا بۇ خەلق دائىم يولۇمدىن چەتنەپ كېتىدۇ؟ نېمىشقا يېرۇسالېم خەلقى ھەمىشە مەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ ئۇلار ئالدىنىشقا رازىكى، يولۇمغا قايتىشنى خالىمايدۇ.


ئىسرائىلىيەلىكلەر جاھىلدۇر، ئۇلار ئىنەكتەك جاھىل تۇرسا، مەن قانداقمۇ ئۇلارنى قوزىلارنى يايلاقلاردا باققاندەك باقالايمەن؟


مەن پەرۋەردىگار سىلەردىن سورايمەن: سىلەر نېمە ئۈچۈن مەندىن قورقمايسىلەر؟ مېنىڭ ئالدىمدا نېمىشقا تىترىمەيسىلەر؟ مەن دېڭىزغا پاسىل قىلىپ قۇملۇق ساھىلىنى بەرپا قىلدىم، دېڭىز-ئوكيانلار بۇ پاسىلدىن ھەرگىز ئۆتەلمەيدۇ. دېڭىز دولقۇنلىشى مۇمكىن، لېكىن سۇلار ھەرگىز تېشىپ كېتەلمەيدۇ، شاۋقۇن چىقىرىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ھەرگىز پاسىلدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ.


ئەي ساداقەتسىز ئىسرائىل خەلقىم، مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار. مەن سىلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكىڭلارنى ساقايتىشنى خالايمەن. سىلەرنىڭ مۇنداق دېيىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن: ‹مانا، بىز يېنىڭغا كەلدۇق، چۈنكى سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدادۇرسەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاناڭلارنى ھەيدەپ چىقارغاندا، ئۇنى تالاق قىلدى، دەپ ئويلامسىلەر؟ ئۇنداقتا تالاق خېتى قېنى؟ مەن قەرزدار بولۇپ قېلىپ، سىلەرنى قەرز بەرگۈچىگە سېتىۋەتتىممۇ؟ ياق! قاراڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن سېتىۋېتىلدىڭلار، ئاناڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ھەيدەلدى.


ئەمدى ئۈزۈمزارلىقىمغا نېمە قىلىدىغانلىقىمنى سىلەرگە ئېيتىپ قوياي: ئۇنىڭ قاشالىرىنى قومۇرۇپ تاشلايمەن، ھايۋانلار كېلىپ ئۇنى يەپ تۈگەتسۇن. ئۇنىڭ تاملىرىنى بۇزۇپ، چاقىمەن، ئۇنى ھايۋانلار دەسسەپ-چەيلەپ ۋەيران قىلسۇن.


چۈشۈرىدۇ ياماننىڭ قىلمىشلىرى ئۆزىنى تۇزاققا. ئىلىنىدۇ ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا.


شۇڭا سىلەر ئۆز بېشىڭلارنى يەيسىلەر، ئۆزۈڭلار كولىغان ئورىغا ئۆزۈڭلار چۈشىسىلەر.


بەرھەق، ئۆز جېنىغا زامىن بولىدۇ نادانلار مېنى رەت قىلغانلىقتىن، ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ ھاماقەتلەر بىغەملىكىدىن.


ئۇلار ھەرگىز ئۆزلىرىگە: ‹پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن ئەيمىنەيلى، ئۇ بىزگە دەل ۋاقتىدا كۈز ۋە باھار يامغۇرلىرىنى ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇ ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بىزنىڭ مول ھوسۇل ئېلىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلغان› دېمەيدۇ.


مەن ئۇلارنى ئىپلاسلىقلىرى ۋە گۇناھلىرىغا لايىق جازالىدىم ھەمدە ئۇلاردىن دىدارىمنى يوشۇردۇم.


لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتىدىغانلىقىمنى ئويلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرى ئۆزلىرىنى قورشاۋغا ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى دائىم ئالدىمدا ئاشكارىدۇر.


ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن. چۈنكى سىلەر ماڭا، يەنى مەدەتكارىڭلارغا قارشى تۇرۇۋاتىسىلەر.


ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىتائەتسىزلىكى ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ. ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ نەدە ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ سامارىيەدە ئەمەسمۇ؟! يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ قەيەردە بۇتپەرەسلىك قىلغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ يېرۇسالېمدا ئەمەسمۇ؟!


شۇنىڭدىن كېيىن، ئىسرائىللار سىناي تېغىدىن ئايرىلغاندىن تارتىپ، زىننەت بۇيۇملارنى زادىلا تاقىمىدى.


ئەمما سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، يالغان ئىلاھلارغا چوقۇندۇڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى مەن سىلەرنى قۇتقۇزمايمەن.


_ ئىسرائىلىيەگە بالا كەلتۈرگەن ئادەم مەن ئەمەس، بەلكى سەن ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتى. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلماي، بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇندۇڭلار.


شۇ ۋاقىتتا يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرى شىشاقتىن قورقۇپ، يېرۇسالېمغا يىغىلغانىدى. شىمايا پەيغەمبەر پادىشاھ رىخوبئام ۋە يېتەكچىلەرگە مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار دەيدۇكى، سىلەر مەندىن ۋاز كەچكەچكە مەنمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىپ، پادىشاھ شىشاقنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردىم.


شۇنىڭدىن بېرى ئىدوملۇقلار يەھۇدىيەگە قارشى چىقىپ كەلمەكتە. شۇ چاغدا لىبناھلىقلارمۇ يەھۇدىيەگە قارشى چىقىشقانىدى. چۈنكى يىھورام ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەنىدى.


پەيغەمبەرنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، پادىشاھ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى: _ ئاغزىڭنى يۇم، قاچاندىن بېرى سەن مېنىڭ مەسلىھەتچىم بولۇپ قالدىڭ، ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ؟ پەيغەمبەر بىردەم تۇرۇۋېلىپ، يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: _ مەن بىلىمەن، خۇدا سېنى چوقۇم ھالاك قىلىدۇ. چۈنكى سەن رەزىل ئىش قىلدىڭ ھەم نەسىھەتىمگە قۇلاق سالمىدىڭ.


مۇشۇ ئارقىلىق مەن خەلقىمگە قارشى ھۆكۈمۈمنى ئىجرا قىلىمەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى يامان. ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈدى ۋە بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۆزلىرى ياسىۋالغان بۇتلىرىغا چوقۇندى.


بۇ قىلمىشلىرى بىلەن ئۇلار ماڭا ئەمەس، ئۆزلىرىگە زەرەر كەلتۈرمەكتە. ئۇلار ئۆزلىرىنى شەرمەندە قىلماقتا!


سەن بەلكىم ئۆزۈڭدىن: ‹نېمە ئۈچۈن بۇ كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى ماڭا كېلىدۇ؟› دەپ سورايسەن. گۇناھلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن شۇنداق بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كىيىملىرىڭ يىرتىلىپ، دەپسەندە قىلىندىڭ.


سەن باشقا ئەللەر بىلەن ئىشقىۋازلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭنى بۇلغىغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىشلار چوقۇم بېشىڭغا كېلىدۇ.


ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، خۇشال بولماڭلار، يات ئەللەردەك خۇشال بولۇپ كەتمەڭلار! سىلەر ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلغان پاھىشىگە ئوخشاش خۇدايىڭلارغا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار. ئالغان ھوسۇلۇڭلارنى بائال ئاتا قىلدى دەپ بىلدىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite